Home مەخپىيەتلىك —— قەدىمقى بابىلوننىڭ بايلىق باشقۇرۇش پاراسەتنامىسى
Post
Cancel
Mahpiyatlik-1

مەخپىيەتلىك —— قەدىمقى بابىلوننىڭ بايلىق باشقۇرۇش پاراسەتنامىسى

بىرىنچى پۈتۈك

ئاي تولغان ۋاقىت، مەن داباشىر، سۇرىيە قۇللىرى سالاھىيتىدىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ، بابىلونغا قايتقان ئەركىن ئادەم. بۇ مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى يېڭى باشلىنىش، يېڭىدىن توغۇلۇش بولدى، قەلبىم ئۈمىدكە ۋە ئەۋلىيالارغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىقا تويۇندى.

مەن بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇررۇپ، بابىلونلىقلار ھۆرمەت قىلىدىغان بايلاردىن بولۇپ، قۇللۇق ئارا-نۇمۇسۇمنى تەلتۈكۈس يويۇشقا بەل باغلىدىم. ھازىر، قەرىز قايتۇرۇش جەريانىم توغرىسىدىكى مەڭگۈلۈك خاتىرىلەرنى ئويۇپ قالدۇرماقچىمەن. بۇنىڭ تىلىكىمگە يېتىپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئۆچمەس ماياك بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن يېقىن دوستۇم، سەرراپخانا خوجايىنى— ماسسوننىڭ سەمىمىي مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى زور ئىلھامغا ئېرىشتىم، قەلبىم ئىشەنچكە تولدى، شۇنىڭ بىلەن كارغا كېلىدىغان مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشقا بەل باغلىدىم. ماسسوننىڭ سەمىيمى مەسلىھەتى قەرىز قايتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم ئۈچۈن، قايتىدىن بايلار سېپىگە قوشۇلۇشقا ئاتلىنىشتكى بىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئۇسۇل ئېكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، بۇ ئۇسۇل مېنى ئوزۇن مەزگىللىك ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغۇسى!

بۇ پىلان مەن كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ نىشانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار ھاياتىمدىكى ئەڭ چوك ئارمانلىرىم ئىدى.

ئاۋۋال، بۇ مېنى كەلگۈسىدە بىر زەردارغا ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم پىلان، شۇنداقلا مېنڭ بۈيۈك مەقسىتىم. شۇڭا، كېيىنكى تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن، بارلىق كىرىمىمنىڭ ئوندىن بىرىنى ساقلاپ قويىمەن. ماسسون بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ: «بىر ئادەم ھەميانىدىكى ئاقچىلىرىنى ياخشى نازارەت قىلالىسا، ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا شاھقا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان بولىدۇ، بۇمۇ پادىشاھقا ساداقاتمەن بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى» دېدى. مەن ئۇزۇن مۇددەت يىغىش ئارقىلىق، ئۈزۈمگە تەئەللۇق مۈلۈكنى توپلاپ، كەلگۈسى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئىدى.

«ھەميانىدا نەچچە تەڭگىلا قالدۇرۇپ قويغان ئادەم ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتسىز، شاھقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ۋاپاسىز كىشىىدۇر.» مەجبۇرى ھايات كەچۈرۈش مەھكۈملىكىگە مۇپتىلا بولغان بۇنداق ئادەم قانداقمۇ بېيالىسۇن؟

«يىغىپ قويغان پۇلى يوق، ھەتتا قەرىزگە بوغۇلغان ئادەم، ئائىلىسىگە شەپقەتسىىىز، شاھقا ساداقەتسىز كىشىدۇر، ئۇلار ئەۋلىيالارنىڭ جاراسىغا ئۇچرايدۇ، ئازاپقا دۇچار بولىدۇ، قەرىزدىن قېچىپ ھاياتىنى دەككە-دۈككىدە ۋە مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.»

«شۇڭا، ھەميانىنى ئالتۇن كۆمۈش بىلەن توشقۇزۇشقا تەشنا بولغان ھەر قانداق بىر ئادەم، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان، شاھقا ساداقەتمەن پۇقرا ھېسابلىنىدۇ. شۇندىلا باشقىلارنىڭ مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ، يۈزى يۇرۇق بولىدۇ.»

بۇ ئايالىم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك غېمىنى تۆگىتىدىغان پىلان، مەن بۇنىڭغا ئۇزۇن يىل تەشنا بولۇپ كەلگەن. ئىلگىرى قەرىزىمنڭ كۆپلىكىدىن، ئايالىمنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ خورلۇق ئىدى. ھازىر گەرچە ئايالىم يېنىمغا قايتىپ كېلىپ ماڭا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۇنىڭ مېنى تاشلاپ كەتمەي قايتىپ كېلىپ توغرا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك، ئەمەلىيەتتە ئۆزۈممۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن تايىنىشقا بولىدىغان ئەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ، ئار-نۇمۇسنى يۇيۇپ، قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.

ماسسون ئېيتقاندەك، ئايالىغا ياخشى قارىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش، ھەرقانداق بىر ئەر پەخرلەنگۈدەك ۋە ماختانغۇدەك ئىش، بۇ شۇنداقلا يەنە ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىكى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق كىشى قەلبىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بۇ ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادە ۋە شىجائەت ھازىرلاپ بولغان بولىدۇ، مەن ھازىر ئۈزۈمنىڭ بۇنداق ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىمگە، زەردارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىمغا، ئايالىم ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن قايتىدىن بەخىتلىك ياشىيالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

شۇڭا تېپىپ كەلگەن پۇللىرىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشىنى ئائىلەمنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، شۇنداق قىلغىنىمدىلا، يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلماي بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن. بۇ بىر ئەر، بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئائىلىگە نىسبەتەن باشتارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم ۋە ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىم، مەن بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم پۇللارنى باشقا خىراجەتلەرگە ئىشلىتىمەن، يەنە بىر قىسمىنى زۆرۈر بولغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاخىرى بىر كۈنى بېيىش يۇلىغا ماڭالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

ئەمما، ماسسون ماڭا يەنە، بېيىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئائىلەمنىڭ بارلىق خىراجىتىنى چۇقۇم كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى ئىچىدە تىزگىنلىشىمىنى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك خىراجەتكە ئىگە بولالايدىغانلىقىمنى تەكىتلىدى.

ماسسوننىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى، كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېتىشتە تامامەن مەسىلە يوق ئىدى، بۇنداق قىلغاندا بىز يەنە تۇرمۇشتىكى ئارتۇقچە چىقىمنى تېجەپ قالالايتتۇق، بۇ بىز ئۈچۈن پۇل يىغىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىدى. شۇڭا مەن خىراجەتنى پەقەت كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى ئىچىدىلا كونترول قىلىشىم، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋالماسلىقىم كېرەك. بۇ ئۆزۈمگە شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەرگە بەرگەن ۋەدە، ئارزويۇمغا قىلىنغان ۋەزنى ئېغىر ختاب ئىدى.

ئىككىنچى پۈتۈك

بۇ قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمنى تاماملىشىمغا ياردەم بىرىدىغان پىلان. شۇڭا ھەر قېتىم ئاي تولغاندا كىرىمىمنىڭ ئوندىن ئىككى ئۈلۈشىنى ئايرىپ، سەمىيمىيلىك ۋە ئادىللىق بىلەن بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ ماڭا ئىشەنگەن، قىيىنچىلىقتا قالغاندا ماڭا ياردەم قىلغان، دوستلىرىم ۋە قەرىز ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىمەن. بۇنداق قىلغاندا ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايمەن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنە كىرىمىمىزنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغىپ، كەلگۈسى تۇمۇشىمىزنى كاپالەتلەندۈرەلەيمەن.

مۇشۇنداق ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا، بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، «قەرىزدار» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، قايتىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمەن.

شۇڭا مەن بۇ قېتىم ئاي تولغاندا، بۇ سېغىز تاختايغا، بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئىسمى، قىلىدىغان ئىشى، مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە قەرىز سوممىسېنى ئەستايىدىل ئويۇپ چىقتىم، بۇنداق بولغاندا ئۆزۈمگە بىر نىشان تۈزۈلۈپ، ھەر ۋاقىت مېنى قەرىز قايتۇرۇشقا ئەسكەرتىپ تۇراتتى، مۇشۇ سېغىز تاختايلار بولسىلا مەن قىلچە بۇشىشىپ قالمايتتىم.

فارۇ: تۇقۇمىچىلىق سودىگىرى، ئىككى ئاقچا، ئالتە يارماق؛

سىنگا: دىۋان ئۇستىسى، بىر ئاقچا؛

ئامەر: دوستۇم، ئۈچ ئاقچا، بىر يارماق؛

جامكار: دوستۇم، تۆت ئاقچا، يەتتە يارماق؛

ئاسكامىر: دوستۇم، بىر ئاقچا، ئۈچ يارماق؛

خالىنشىر: ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى، ئالتە ئاقچا، ئىككى يارماق؛

ئاكاخا: ئۆي ئىگىسى، 14 ئاقچا؛

ماسسون: سەرراپخانا خوجايىنى، توققۇز ئاقچا؛

بىرىيجىك: تېرىقچى، ئىككى ئاقچا، يەتتە يارماق؛

(بۇنىڭ ئاستىدىكى خەتلەر ئۆچۈپ كەتكەچكە پەرىقلەندۈرۈشكە ئامال بولمىغان)

ھەر قېتىم ياشلار مەندىن بايلىق توغرىسىدا مەسلىھەت سورۈپ كەلگەندە، مۇشۇ ئەسەرنى ھەدىيە قىلىمەن، ھەمدە ئۇنىڭغا :«بۇ ئەسەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىزگە ئايلاندۇرسىڭىزلا مۆجىزە يۈز بېرىدۇ» دەيمەن.

napaleon-hill

__ «مۇۋەپپەقىيەت ئاتىسى ناپالىيۇن خىئول»


بۇ ئەسەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاخىرىقى سىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، بايلىق توپلاش يولۇمدا مەڭگۈلۈك ماياك بولدى.

hinri-ford

__ ھىنرى فورد

ئۈچىنچى پۈتۈك

مەن قەرىزلىرىمنى تەپسىلىي ھېسابلاپ كۆردۈم، قەرىز ئىگىلىرى ۋە دوستلىرىمدىن بولۇپ، جەمئىي 190 ئاقچا 140 يارماق بوپتۇ. بۇلار قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ۋە قوللىشى، بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا تامامەن ئىشەنگەنلىكى ئىدى. شۇڭا، مەن قانچىلىك كۆپ بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قەرىزلەرنى پاك-پاكىزە قايتۇرۇشىم كېرەك.

ئەينى ۋاقىتتا مەن ياش، تۇرمۇش تەجرىبەم كەمچىل بولغاچقا، شۇنچە كۆپ قەرىزگە بوغۇلۇپ، قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، ئايالىمنىمۇ ماڭا تايىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ قېيىن ئاتامغا بېقىندى بولۇشقا مەجبۇرلىغان. ئۈزۈممۇ ئامالسىز بابىلوندىن ئايرىلىىپ، ناتۇنۇش ئەلگە بېرىپ بىيىش يولى ئىزدىگەن، ئويلىمىغان يەردىن يېرىم يولدا كېلىشمەسلىككە يولۇقۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكۈنلىشىپ قۇلغا ئايلىنىپ كىشىلەر تەرىپىدىن مالغا ئوخشاش سېتىلغان ئىدىم. بۈگۈن، بۇقەرىزلەرنى تاختايلارغا ئويۇپ قالدۇرۇشتىكى مەقسىتىم، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ۋە ياشلىقتىكى قەرىزىمنى قايتۇرۇشقا يۈزلىنىپ، سەۋەنلىكلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت. مەن بۇ قەرىزلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمەن، شۇڭا رىئاللىققا باتۇرلارچە يۈزلىنىشىم كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمەن.

مەن ھازىر ماسسوندىن ئۆز كىرىمىمدىن قانداق پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن تۇرمۇشنى قامداپ، يەنە بىر تەرەپتىن قەرىز قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. ماسسوننىڭ ئۇسۇلى مەن ئۈچۈن ھايتلىقتىكى تاڭ شەپىقىگە ئوخشاش، قەلبىمنى يورۇتتى. شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى ناھايىتى قۇۋۋەتلەيمەن، ھەمدە ئۈزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەتەن كارغا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۈزۈمنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە بەتخەجلىكى تۈپەيلىدىن كانايغىچە قەرىزگە بۇغۇلغانلىقىمنى، رىئاللىققا باتۇرلارچە يۈزلەنمىگەنلىكىمنى، ياش ۋە ئەقىلسىزلىقىمنى، ھاماقەتلىكتە ئۇچچىقا چىققانلىقىمنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئەمدى ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق بۇ مەھكۈم روھىمنى قۇتۇلدۇرىشىم، يەنى ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق دادىل ھالدا بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇشۇم كېرەك.

مەن ماسسوننىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىشەنىچكە تولغان قەلبىمنى جۈرئەت ۋە جاسارەت روھى بىلەن سۇغۇرۇپ بارلىق قەرىزئىگىلىرىنى يوقلاپ چىقىپ، ئۈزۈمگە ۋە قەرىز ئىگىلىرىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىشىم كېرەك. چىن كۆڭلۈمدىن ئۇلاردىن مېنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈتۈنۈشىم، ھازىر پەقەت پۇل تېپىپ قەرىز قايتۇرۇشتىن باشقا ئامالىم يوقلىقىنى، شۇڭا كىرىمىمنىڭ ئوندىن ئىككى قىسمىنى تەڭ بۆلگەندىن كېيىن بىر-بىرلەپ ھەر بىر قەرىز ئىگىسىگە بىرىش ئارزۇيۇمنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك. نۆۋەتتە مەن قەرىزىمنى پەقەت ئاز-ئازدىنلا قايتۇرالايمەن، كۆپلەپ قايتۇرۇشقا ئامالسىزمەن، ئەمما ئۇلارغا ناھايىتى تولۇق ئىشەنچ بىلەن كاپالەت بىرەلەيمەن، مۇبادا ئۇلا ماڭا ئىشەنسە، ئۇزۇنراق مەزگىلدە بارلىق قەرىزنىئاز-ئازدىن پاك-پاكىزە قايتۇرۇپ بولىمەن، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلارنىڭ قۇشۇلىشىغا باغلىق.

ئامەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يېقىن دوستۇم بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا سەمىمىي ياردەم قولىنى سۇنغان، ئەمما ئۇ بۈگۈن ئازراقمۇ يۈز خاتىرە قىلماستىن، يۈزمۇ-يۈز تورۇپ مېنى قاتتىق تىللىدى، مەن ناھايىتى ئۇڭايسىزلاندىم، ئىزا تارتقان ھالدا ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم. تېرىقچى بىرىيجىك ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قەرىزىنى قايتۇرۇشۇمنى ئۈتۈندى، چۈنكى ئۇنىڭ قولىقىسقا بۇلۇپ، پۇلغا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىدى، مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، پەقەت ئاز-ئازدىن قايتۇرالايدىغانلىقىمنى، بىر يوللا قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئاخىرىدا ئۇ ئامالسىز قارارىمغا قوشۇلدى. ئۆي خوجايىنى ئاكاخامۇ ئاسانلىقچە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئۇ قەتئىي ھالدا دەرھال يارماقلارنى قايتۇرۇشۇمنى، ئۇنداق قىلالمىسام مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ ناھيىتى ئۇڭايسىز ئەھۋالدا قالدىم، ئەمما ئۇسۇلۇم بويىچە قەرىزنى چۇقۇم پاك-پاكىزە قايتۇرىدىغانلىقىمنى قايتا-قايتا چۈشەندۈردىم، مېنى قوغلاپ چىقارسا، ماڭا بەرگەن قەرىزلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى، قوغلىۋەتمىسە ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى ئۆي ئىجارىلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغانلىقىمدىن ئىبارەت بىر نوقتا ئاخىرى ئۇنىڭدا ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى.

خۇشاللىنارلىقى شۇكى، قەرىز ئىگىلىرى تەكلىپىمنى سۈكۈت ئىچىدە قوبۇل قىلدى، دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ياخشىراق ئامالى يوق ئىدى، مەنمۇ قەرىز قايتۇرۇش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتىم. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇسۇلۇم قەرىز ئىگىلىرىنى قايىل قىلدى، تۆۋەندىكىسى مېنىڭ قەرىز قايتۇرۇش جەريانىمدىن ئىبارەت. باتۇرلۇق بىلەن قەرىزگە يۈزلىنىشىم، قەرىزدىن قېچىپ يۇشۇرنۇپ يۈرۈپ دەككە-دۈككىدە ياشىغىنمدىن كۆپ ياخشى ئىدى، شۇڭا بۇ ئامالنىڭ كىشىنى تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىرچە بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرالمىغان بولساممۇ، ئەمما كۆپ سانلىق قەرىز ئىگىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدىم، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش بېسىمىممۇ يېنىكلەپ قالدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھاياتىمدىكى مۇھىم مۇساپە ئىدى، شۇنداق قىلىپ مەن قەرىز قايتۇرۇش سەپىرىمنى باشلىۋەتتىم.

تۆتىنچى پۈتۈك

يەنە بىر قېتىم ئاي تولغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. ھەر قېتىمقى ئاي تولغان ۋاقىتتا قەلبىم ھاياجانغا تولاتتى. بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ، خاتىرجەم ھالدا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدىم، ئايالىممۇ پىلانىمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەردى، مەن بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمدىن ناھايىتى رازى. تەمكىنلىك ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خوجايىنىم تۆگە سودىگىرى — ناباتقا بىر توپ تېمەن تۆگە ئېلىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، مېنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاپ، 19 شېكىل ئىش ھەققى بەردى.

مەن پىلانىمغا ئاساسەن كىرىمىمنى بۆلۈپ، ئوندىن بىر قىسمىنى ساقلاپ قويۇپ، ئوندىن يەتتە قىسمىنى ئائىلىنى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئايالمىغا بەردىم، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشىتا ئۇنچىلىك قىينىلىپ كەتمەيتتۇق، ئېشىپ قالغان ئوندىن ئىككى قىسمىنى بىر قانچە يارماققا بۆلۈپ، بىر قىسىم قەرىز ئىگىلىرىگە ئاپىرىپ بەردىم.

قەرىز قايتۇرغىلى بارغاندا ئامەرنى تاپالماي، ئۇنىڭغا تېگىشلىكىنى ئايالىغا بەردىم. تېرىقچى بىرىيجىككە تېگىشلىكىىنى تاپشۇرغاندا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قولۇمغا سۆيۈپ قويۇپ، مېنى سەمىمىي ئادەم ئىكەنسەن، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرالىساڭلا قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ بۇلالىغۇدەكسەن دېدى. شۈبھىسىزكى، بۇ مەن ئۈچۈن زور ئىلھام ئىدى. پەقەت ئاكاخا تاغىلا قەرىز قايتۇرۇشۇمنىڭ ئاستىلىقغا كايىپ، قەرىزنى يەنىمۇ تېزراق قايتۇرۇشنى سۈيلىدى، مەن ئۇنىڭغا ئەگەر تويغىدەك تاماق يېيەلىگەن، تۇرمۇشتا ئۇنچىلىك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان بولسام قەرىزلىرىڭنى تېزلا قايتۇرۇپ بولغان بولاتتىم، دەپ جاۋاب بەردىم. باشقا قەرىز ئىگىلىرى رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى ھەمدە مېنى ئىلگىرىكىدىن كۆپ تىرىشچان بولۇپ كېتىپسەن دەپ ماختاشتى. مەندىن رازى بولۇپ، مۇشۇنداق ھەر ئايدا بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىشتى.

شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن قەرىزىم تۆت ئاقچا ئازايدى، قەرىز ئىگىلىرىنى تاپالمىغانلىقتىن يەنە ئىككى ئاقچا ئارتۇق يىغىۋالدىم. ئۇزۇندىن بىرى مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان غەم-قايغۇلار بىر قسىم قەرىزلەرنى قايتۇرغاندىن كېيىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مۇكەممەل پىلاننىڭ، ماسسوننىڭ تەكلىپىنىڭ تۆھپىسى ئىدى. مەن ماسسونغا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كەڭ قورساق قەرىز ئىگىلىرىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى باشلىنىش بولدى، شۇڭا بۇ پىلاننى ئۇزۇن مۇددەت يۈرگۈزىمەن.

ناھايىتى تېزلا ئاي تولغان كۈن يەنە يېتىپ كەلدى. بۇ ئايدا تىرىشىپ ئىشلىگەن بولساممۇ، ئەمما نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى بولالمىدى، ئىشلاردىمۇ ئانچە ئىلگىرلەش كۆرۈلمىدى. شۇڭا بۇ ئايدا ئاران 11 شىكېل ئىش ھەققىگە ئېرىشەلىدىم. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئاددىي ئوزۇقلانغان، كىيىم-كىچەكلىرىمىز كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، پىلان بويىچە قەرىز قايتۇرۇشنى دۋاملاشتۇردۇق.

بۇ قېتىملىق قەرىز قايتۇرۇشتا، ئامەر ئاز بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرالىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ماختىدى، بۇنىڭدىن مەن ئەس ھۇشۇمنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدىم، بىرىيجىكمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ مېنى بىر قۇر ماختاپ چىقتى. پەقەت ئاكاخالا قاتتىق تېرىكىپ، تىللىۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا مەن ناھايىتى پەم بىلەن ئۇنىڭغا ئاز كۆرۈپ ئېلىشنى خالىمىغان بولسىڭىز ئىككى ئايدا سىزگە بەرگە پۇللارنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، قاچان سىزگە بارلىق قەرىزلىرىمنى بىر يوللا قايتۇرۇپ بېرەلىگىدەك بولغاندا ئاندىن بېرەي، بۇنداق بولغاندا مەنمۇ يەنە ئاۋۋال باشقىلارنىڭ قەرىزلىرىنى بالدۇرراق قايتۇرالايمەن دېدىم. ئاكاخا سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئاخىرى مۇرەسسەگە چۈشتى. باشقا قەرىز ئىگىلىرى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا، تەدرىجى قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمدىن ناھايىتى رازى بولدى. بۇ ماڭا نىسبەتەن زور ئىلھام ئىدى، قەرزلىرىم يەنە بىر قانچە كۈمۈش يارماق ئازايدى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۈزۈمنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، قەرىزلىرىمنى چۇقۇم قايتۇرۇپ بولالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم يەنىمۇ ئاشتى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە بىر ئاي تولغان كۈن يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىم سېغىز تاختايغا خەت ئويغان ۋاقىتتا مەن ناھايىتى خۇشال ئىدىم، چۈنكى ئاجايىپ بەلەن بىر توپ تۆگە ئۇچىراپ قېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىدىن تاللاپ بەردىم، خوجايىننىڭ موكاپاتلىشى بىلەن بۇ ئايلىق ئىش ھەققىم 42 شېكىلغا ئۇلاشتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئايدا ئەر-خوتۇن ئىككىمىز بىر قانچە جۈپ ساندال(ساپما كەش) ۋە كىيىم سېتىۋېلىپلا قالماي، قوي گۆشى ۋە قۇش گۆشلىرىگە ئېغىز تېگەلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قەرىز ئىگىلىرىگە 8 شېكىلدىن ئوشۇقراق كۈمۈش يارماق قايتۇرالىدۇق. بۇ قېتىم ئاكاخامۇ پىكىرىمگە نارازىلىق بىلدۈرمەي، قوبۇل قىلدى، قەرىزلىرىنى تېرزراق قايتۇرۇشقا قىستاپمۇ كەتمىدى.

بۇ مۇكەممەل پىلان بىلەن مەن تەدىرىجى قەرىز چۈشەكلىرىدىن قۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، ئازراق بولسىمۇ پۇل يىغالىدىم. كەيپىياتىممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، بېسىمىممۇ ئازايدى، تۇرمۇشۇممۇ ببەخىتلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن بۇ پىلاننى ئۇيۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۈچ ئاي تولغۇچىلىك ۋاقىتنى سەرىپ قىلدىم، ھەر قېتىم ئاي تولغاندا كىرىمىمنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغىپ قويدىم، بەزىدە، پۇل قىس بولۇپمۇ قالدى. ئەمما، كىرىمنىڭ ئوندىن يەتتىسى بىلەنمۇ يەنىلا تۇرمۇشنى قامداپ كەتكىلى بۇلاتتى. ھەر ئايدا تاپقان پۇلۇمنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بىلەن قەرىز قايتۇرۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىش ھەققىمنىڭ يەتتە ئۈلۈشى بىلەن تۇرمۇشۇممۇ يامان ئەمەس قامدالدى. يەنە تېخى ئازراق پۇلمۇ يىغىۋالدىم. پىلانىمنى داۋاملاشتۇرالىساملا كەلگۈسۈمنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىدا گەپ يوق ئىدى.

ھازىر يانچۇقۇمدا 21 ئاقچا بار بولدى، بۇنىڭ بىلەن دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن، باشقىلارنىڭ نەزىرىگىمۇ ئۇلىشالايمەن. مەن ئەمدى يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق گاداي ئەمەس، پۇلۇم بار بولدى، مەن پەخىرلەنگەن ھالدا ھەرقانداق ئادەمگە «ئائىلىسېنىمۇ باقالمايدىغان يارىماس ئادەم ئەمەسمەن» دېيەلەيمەن.

ئايالىممۇ ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئۆينى رەتلىك، پاكىزە تۇتتى، بىز يەنە خېلى يېڭى كىيىملەرنى كىيەلىدۇق. تىرىشچانلىقىمىز بۈگۈنكى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئايلاندى. بۇ مۇكەممەل پىلان بىزگە كۈتۈلمىگەن شادلىق ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلدى. مۇشۇ پىلاننى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىساملابارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايمەن، ئۇ ۋاقىتتا يېنىمدىكى پۇلمۇ كۆپىيىدۇ.

بەشىنچى پۈتۈك

بۈگۈن يەنە ئاي تولغان كۈن. ئەمما، بۇ بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز ئالاھىدە كۈن. مەن سېغىز تاختايلارغا خەت يېزىشتىن باشلاپ ھازىرغىچە تەخمىنەن بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.

بۈگۈن سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر كۈن، بۇ مەن ئۈچۈن ئاخىرلاشتۇرۇش كۈنى، چۈنكى بۈگۈن قېپقالغان ئەڭ ئاخىرىقى بىر قىسىم قەرىزىمنى قايتۇرىۋېتىمەن. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئىنتايىن خۇشال، بىز زىياپەت ئۈستىلى ھازىرلاپ، جاسارىتىمىز ۋە ئىرادىمىز، شۇنىڭدەك بۇ يۈكسەك نىشانىمىزنى ئورۇنلاپ، بارلىق قەرىزلىرىمىزنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكىمىزنى تەبرىكلىدۇق. ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىللىق جاپالىق قەرىز قايتۇررش جەريانىمنى ئەسلەپ قەلبىم ھاياجانغا تولدى. ھەممىسى تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى، بۈگۈندىن باشلاپ، مەن پەخىرلەنگەن ھالدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭالايدىغان، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە ئايلىنىمەن. ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە، مەن ئەڭ ئاخىرىقى بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار يۈز بەردى. ئامەر ماڭا ئاھانەت قىلىپ تىللىغانلىرىنى ئەپۇ قىلىشىمنى ئۆتۈندى، ھەمدە مېنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ياخشى دوستى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتتى.

ئاكاخامۇ ماڭا قايتا قاپاق تۈرمىدى، ئەكسىچە سەمىمىي ھالدا: «سەن ئىلگىرى بىر ئوچۇم لايغا ئوخشاش باشقىلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ئىدىڭ، ئەمما ھازىر ئۆز تىرىشچانلىقىڭ ئارقىلىق بىر پارچە ئۆتكۈر بىسلىق تۇچ زۇلپىقارغا ئايلاندىڭ، ئەگەر پۇلغا ئېھتىياجلىق بولساڭ، ئىزدەپ كېلىشىڭنى قارشى ئالىمەن. ساڭا ئىشىنىمەن، سەن ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنسەن» دېدى.

ئاكاخالا ئەمەس باشقا قەرىز ئىگىلىرىمۇ ماڭا ھۆرمەت پوزىتسىيسى ۋە نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئايالىمنىڭ ھاياجانغا ۋە شاتلىققا تولغان كۆزلىرى مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدۇردى ۋە پەخىرلەندۈردى، مەن ئەمدى ئائىلىگە كۆڭۈل بۈلىدىغان ۋە كۈيىنىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئائىلە باشلىقى، شاھقا ئەڭ سادىق پۇقرا بولدۇم.

ئاشۇ مۇكەممەل پىلان مېنى غەلبىگە يۈزلەندۈرۈپ، قايتىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە، مەسئۇلىيەتچان ئەرگە، شاھقا ئەڭ سادىق پۇقراغا ئايلاندۇردى. ئۇ بارلىق قەرىزلىرىمنى تۆلىشىمگە ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە ئوندىن بىر قىسىم تاپاۋەتنى جۇغلاپ ئاز بولمىغان تىللا ۋە ئاقچىلارغا ئىگە قىلدى. شۇڭا، بېيىشقا تەشنا بولىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ پىلانىم بويىچە ئىش كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا چۇقۇم نەتىجە قازىنالايدۇ. ئۇ پىلان يېنىدا بىر تىيىن پۇلى يوق مەندەك بىر قۇلنى قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ يەنە خېلى كۆپ تىللا ۋە ئاقچىلارغا ئىگە قىلالىغان ئىكەن، باشقىلارنى تېخىمۇ يىراق مەنزىلگە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ، مەن تېخى بۇ پىلاننى پۈتۈنلەي ئورۇنداپ بولالمىدىم دەپ قارايمەن. ئەمما پەقەت ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلىسەملا ھامان بىر كۈنى، بابىلوندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بايلارغا ئايلىنالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن، مانا بۇ پىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نىشانى ئىدى.

كۆرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پروففېسسور كادۋېرنىڭ تۇيۇقسىز قانلىرى ئۇرغۇپ، قوللىرى يېنىك تەرلەپ، قەلبى ھاياجانغا تولدى، ئەسلىدە ئۇ بۇنداق بىر مۆجىزىنى بايقاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇلار بىر قىسىم دوستىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇنداق قەرىز قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما ھېچكىممۇ بۇ ئامالنى ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى. بىراق، كۆز ئالدىمدىكى بۇ بىر قانچە بەت تەرجىمە ماتېرىيال ئۇنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى، داباشىرنىڭ بۇ پىلانى ھەقىقەتەنمۇ مۇكەممەل پىلان ئىدى، ئۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش قارىشى بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايان قىلغىنىدىنمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىدى.

«بابىلون خارابىلىكىدە چۇقۇم يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇشقا دائىر مەسلىھەت شۇنىڭدەك بېيىش مەخپىيەتلىكى ساقلانغان»، پروففېسسور كادۋېر كەيپىياتىنى سەل تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئويغا چۆمگەن ھالدا: «مەن بۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسلىھەتى ۋە بېيىش پاراسەتلىرىنى قېزىپ چىقىشىم كېرەك، بۇ ھازىرقى كىشىلەر ئۈچۈنمۇ بۇرۇنقىدەكلا ۋاقتى ئۆتمىگەن ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە پاراسەتتۇر. بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتىم. بىراق بابىلون خارابىلىكىدە راستىنلا يەنە بۇلارغا ئوخشاش سىرلىق تاختايلار بارمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسېنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېتەكچى ئەھمىيىتى بارمۇ قانداق؟» دەپ پىچىرلىدى.

پروفېسسور كادۋېرنىڭ بۇ پىلانغا نىسبەتەن نۇرغۇن گۇمانى بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە ئىپادىلەش قىيىن بولغان بىر خىل كۈچنىڭ ئىلھامى ئۇنى بۇ تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىمەكتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھېكايە مەيدانغا كەلدى.

خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە، پروفېسسور بىر تەرەپتىن سېغىز-تاش تاختايلارنى قېزىشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتداشلىرىنى پۈتۈكچىلەرنى يېغىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇ 565 پارچە پۈتۈكچە يىغىۋالدى. ئۇ باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ پۈتۈكچىلەر ئىچىدىكى 398 پارچىسېنىڭ ئاشۇ سىرلىق بايلىق باشقۇرۇش پاراسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش ئىدى، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا كۆپ تەشەككۈر، نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-پاراسەت تارقىلىدىغان بولدى.

بۇ سىرلىق پۈتۈكچىلەر ئالدىدا، پروفېسسور كادۋېر ناھايىتى ھاياجانلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەل-پەل ئەندىشە قىلدى، چۈنكى بۇ پۈتۈكچىلەرنى ئەنگىلىيگە ساق سالامەت يەتكۈۈزش چوڭ بىر قۇرلۇش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇرەككەپ شىنا يېزىقلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئۇلارنى كولاپ چىققاندەك ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ زىھنى كۈچ كېتەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ پروفېسسور شرېۋسبۇرىنى قانداق تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرەتتى.

ئۇ كۆڭلىدە: «پروفېسسور شرېۋسبۇرى مۇشۇ يەردە بولغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى، پۈتۈكچىلەردىكى پاراسەتلەرنى قېزىپ چىقالىغان بولاتتۇق» دەپ ئويلايتتى.

قەرىزگە قانداق يۈزلىنىش كېرەك

قەرىز ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭ! ئۇ سېنى بابىلوندىن نۇمۇسسىزلارچە قېچىپ چىقىشقا، مۇساپىرچىلىقنىڭ ئېچىنىشلىق كۈنلىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئۆز ئەركىگە قويىۋەتسەڭ ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ؛ ئۇلارنى دۈشمەن ھېسابلاپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ بويسۇندۇرالىساڭ، قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيسەن.

يېتەكچى سەھىپە:

ھەرقانداق بىر شەھەردە، باي ۋە نامراتتىن ئىبارەت ئىككى خىل تەبىقىدىكى ئادەم بولىدۇ؛ ئۇلاردا ئىككى خىل روھ بولىدۇ؛ ئادەمنىڭ روھى شۇ كىشىنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ۋە بايلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئالىيجاناپ روھ سىزنى قەرىزگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىشكە ئۈندەپ، بېيىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ؛ پەسكەش روھ سىزنى قەرىزدىن قاچىدىغان گادايلىققا مەھكۇم قىلىدۇ؛ داباشىرنىڭ ھېكايىسېنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، قەلبىڭىزدىكىنىڭ قايسى خىل روھ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

قەرىزدارنىڭ قەرىز ئىگىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى

ئاچلىق ئالاھىدە تۇيغۇ، بەزىدە ئۇ ئادمنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرىۋېتىدۇ.

ھازىر، ئازورنىڭ ئوغلى تاكاد بۇ خىل تۇيغۇغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، بۇنداق ھېسيات ئۇنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ بېغىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن ئىككى دانە ئەنجۈرنى ھېسابقا ئالمىغاندا تاماق يېمىگىنىگە ئىككى كۈن بولغان ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ئۈچنىچى ئەنجۈرنى ئۈزەي دەپ تۇرىشىغا، بىر ئايال غەزەپتىن ۋاقىرغىنىچە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كېلىپ، كوچىغىچە قوغلاپ چىقتى. تاكاد ھەقىقەتەنمۇ رەسۋالەرچە قېچىۋاتاتتى، ئىلگىرى نەدىمۇ ئۇنى مۇنداق ھالى خاراپ ھالدا كۆرگەن دەيسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىى ئاشۇ يىرگىنىچلىك قەرىزنىڭ كاساپىتى ئىدى. ئاشۇ لەنىتى قەرىز ئۇنى ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. تاكاد توختاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، پۇتلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنمايتتى، ئۇ قېچىپ بازارنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتكەندىمۇ قولاق تۈۋىدە يەنلا ھېلىقى خوتۇننىڭ تىللاشلىرى جاراڭلايتتى. يامغۇردەك يېغىپ كەتكەن بۇ بىزەپ تىللار ئۇنى يېگۈسى كېلىپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بازاردىكى سېتىقچىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلاشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالماس قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغا قورساقنى تويغۇزغۇدەك نەرسە بولسىلا كۇپايە ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاكاد شۇنچە چوڭ بولغۇچە بازاردا بۇنچە كۆپ ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ بارلىقىغا ئەزەلدىن دىققەت قىلپ باقمىغان، يېمەكلىكنىڭ تەمىمۇ ئۇنىڭ قەلىب تارىنى بۈگۈنكىدەك تىترىتىپ باقمىغان ئىدى.

ئۇ قايناق ئادەملەر توپى ئىچىدىن ئۆتۈپ، ئالدىراش بازاردىن ئايرىلىپ، بىر ساراي ئالدىدا توختىدى. ھەمدە شۇ يەردە چۆرگىلەپ يۈردى، شۇ تاپتا ئۇ بىرەر تۇنۇش ئادەم ئۇچراپ قېلىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئازراق پۇل سوراپ تۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، شۇنداق قىلغاندىلا سارايۋەن ئۇنىڭ سارايغا كىرىشىگە يول قۇياتتى. ئەمما، ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق، خوجايىن ئۇنى قارشى ئالمايدۇ، كۈتكۈچى ئالدىدىمۇ ئۆزىنى تۆۋەن ھېس قىلىدۇ. بۇ ئۇنى ناھايىتى ئوڭايسىزلاندۇراتتى، ئۇ ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ شور پىشانىلىكىنى ئويلاپ، ئۇزۇنغىچە خۇرسېنىدى. ئەمما، ھازىر قىلىدىغان مۇھىم ئىش قورساق مەسىلىسېنى ھەل قىلىش ئىدى. ئۇنىڭ قورسىقى قوپ-قورۇق، ھەتتا غۇدۇراپ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە، كوچىدا ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشنڭ ئورنى يوق، تېزراق يەيدىغان نەرسېنىڭ ئامالىنى قىلمىسام بولمىدى، دەپ ئويلىدى.

ئۇ قانداق قىلىپ سارايغا كىرىپ تاماق يېيىشنى پىلانلاۋاتقاندا، ئۇ كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغان كىشى ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. بويى ئېگىز ئورۇققىنا كەلگەن بۇ كىشى دەل تۆگە سودىگىرى، تاكادنىڭ قەرىز ئىگىلىرىنىڭ بىرى داباشىر ئىدى. تاكاد پۇل ئارىيەت ئالغان ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرى ئىچىدە، داباشىر ئۇنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان ئادەم ھېسابلىناتتى، چۈنكى ئۇ پۇل قايتۇرۇشنى پۈتۈشكەن كۈن يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلالمىغاچقا، بۇ قەرىز ئىگىسىدىن قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

داباشىر سەل ئىڭىشىپ قارىۋىدى دوقۇرىشىپ قالغان كىشىنىڭ تاكاد ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ، باشقىچە نۇرلىنىپ كەتتى، ھەمدە: «ۋوي! ئەسلىدە تاكاد ئىكەنغۇ، سېنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرگەنتىم، ئۆزۈڭ ئالدىمغا كەپ قاپسەن، بىر ئاي ئىلگىرى بەرگەن ئىككى يارماق، يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇن بەرگەن بىر ئاقچا بولۇپ جەمئىي بىر ئاقچا ئىككى يارماق بوپتۇ. بۈگۈن سەن بىلەن ئوبدان ئۇچرىشىپ قالدىم. بىز كېلىشكەن مۆھلەت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈن قېچىپ كېتەلمەيسەن. يىگىت…، پۇلنى قايتۇرساڭ بولارمىكىن؟ تىلىڭنى قاغا چوقىۋالدىمۇ؟»

قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تاكادنىڭ يۈزلىرى بىردىنلا قىزىرىپ، پۈتۈن بەدىنى توختىماي تىتىرەپ كەتتى. ئاچلىق بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇنىڭ يۈزلىرى ئوت كەتكەندەك بولۇپ تۇيۇلدى، ئۇنىڭدا ھازىر داباشىر بىلەن مۇنازىرلىشىدىغانغا نەدىكى ماغدرۇ دەيسىز، ئۇ ئۇڭايسىزلانغان ھالدا: «مەن، مەن ناھايىتى خىجىل، ئەمما، بۈگۈن……مەندە…….يارماق يوق، ئاقچىلارنى قايتۇرۇشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچالمايمەن» تاكاد ئىچىدە، بۈگۈن داباشىر ئازراق مەردلىك قىلىۋەتسىلا، بۇ قىين ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ كېتەتتىم، دەپ ئويلايتتى.

ئەمما، داباشىر توختىماي تىللاپ كەتتى: «ئاناڭنى! نەچچە تال ئاقچا ۋە يارماقلارنى بىرەلمىگەن ھالىڭغا، نېمە دەپ شۇنچە كۆپ ئادەەمدىن قەرىز ئالدىڭ؟ دوستلىرىڭ ۋە داداڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىڭدا، سېخىلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، ساڭا پۇل بەرگەن ئەمەسمىدى، ئەمدى ئۇ پۇللارنى نېمەڭ بىلەن قايتۇرىسەن!»

«بىراق، سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز، يېقىندىن بويان مېنى ئىزچىل نەس بېسىپ كەلدى، شۇڭا……» دېدى، ئالاقىزادىلىك بىلەن تاكاد.

«نەس باستى؟! ئەجىبا سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىزلىقىنى، تەڭرىگە ئارتىپ قويماقچىمۇ؟ ساڭا ئوخشاش قەرىز ئېلىشنىلا بىلىپ، قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاشۇنداق جازالىنىشقا ھەقلىق. يىگىت، مەن بىلەن سارايغا كىر، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، بىرگە تاماق يېگەچ ساڭا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي.» داباشىر ئۇنىڭغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلمىغان، ھەتتا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئۇنى سارايغا كىرىپ بىرگە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىشى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن قەھرىتان قىشتا چوغ يەتكۈزۈپ بەرگەندەك ئىش ئىدى. تاكادنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئىلىق سىزىم پەيدا بولۇپ داباشىرغا ئەگەشتى.

داباشىر بىلەن تاكاد سارايغا كىرىپ، تۆردىكى كىچىك گىلەمگە چىقىپ ئولتۇردى. ساراي خوجايىنى كاۋسىك كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، داباشىر ئادەتتىكى تەلەپپۇزدا: «ھە قۇملۇقتىكى سېمىز كەسلەنچۈك، ماڭا تېزراق ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تەخسە ئۆچكە پاقالچىقى، يەنە بولكا ۋە ھەرخىل سەيلەردىن كەلتۈر، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، كۆپرەك يەۋالمىسام بولمايدۇ. ھە-راسىت دوستۇممۇ بار، ئۇنىڭغا بىر چەينەك سۇغۇق سۇ كەلتۈر، ھاۋا ئىسسىق بىر ئاز سەگىدىۋالسۇن!» ساراي خوجايىنى تاكادقا قاراپ مەسخىرىلىك ھىجىيىپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى.

تاكادنىڭ ئىللىغان قەلبى بىردىنلا سوۋۇپ كەتتى، ئۇ كۆڭلىدە داباشىر مېنى سارايغا ئۆزىنىڭ ھورى چىقىپ تۇرىدىغان مىزىلىك قوي پاچىقىنى ئاچ بۆرىدەك غاجىلاشلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، سوغۇق سۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىلغانمىدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ بىردىنلا جىمىپ قالدى، چۈنكى ئۇ ۋاقتىنچە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاقارەت بولۇپ، مەڭگۈ ئېسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

بىراق، داباشىر ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىگە قىلچە پىسەنت قىلماستىن، تونۇش-بىلىشلەرگە كۈلۈمسىرىگىنىچە قول ئىشارىسى قىلىپ سالاملىشىۋاتاتتى. بۇ چاغدا تاكاد ئۆزىنىڭ رەڭگى ئۆڭگەن ئەسكى پالازدەك، بۇ يەردە ئولتۇرىشىنىڭ سالاھىيىتىگە ماس كەلمىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان بىر گادايغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسى ۋە كۈلكىسىگە قالغانلىقىنى، بۇ جايدا ئەرلىك غورورى ۋە ئابرويىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى چۈشەندى.

داباشىرنىڭ ئۇنىڭ نىمىلەرنى ئويلااۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق ئىدى، ئۇ تاكادقا قاراپ: «مەن بايا بىر راۋىنالىقتىن بىر باينىڭ قولىدا بىر پارچە تاش بارلىقىنى، بۇ تاشنىڭ تاراشلىنىپ نېپىزلىكتىن نۇر ئۆتكۈدەك قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. باي ئۇنى دېرىزىسىگە ئورنىتىپ بوران ۋە يامغۇرنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى توسۇپتۇ. راۋىنالىق خوجايىنىدىن بۇ سۈزۈك سېرىق تاشتىن سىرتقى دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشقا ئىجازەت ئېلىپ، شۇنداق قارىغۇدەك بولسا بۇ سېرىق تاشتا كۆرۈنگەن دۇنيانىڭ رېئال دۇنياغا زادىلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تولىمۇ غەلىتە ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. تاكاد، سېنىڭچە بۇ راستمۇ؟ ئادەم بىر پارچە سۈزۈك تاشتىن قارىسا كۆرىنىدىغىنى رەڭگى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان دۇنيا بولامدۇ؟»

تاكاد دىققىتىنى داباشىرنىڭ ھېلىقى بىر تەخسە ئۆچكە پاقالچىقىدىن يۆتكەشكە ئامالسىز قالغان ئىدى. ئۇ دىققىتى چېچىلغان ھالدا: «مېنىڭچە…..» تاكادنىڭ خىيالى ئىزچىل ئۆچكە پاقالچىقىدا بولغاچقا، جاۋابلىرى ناھايتى مۈجمەل بولۇپ، داباشىرنى رازى قىلالمىدى.

داباشىر تاكادنىڭ گېپىنى ئۈزىۋەتتى: «مەن راسىت دېيەلەيمەن، چۈنكى، بۇ دۇنياغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا خىل رەڭدىكى ئۆزگىچە دۇنيا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ باققان. ساڭا ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىمۇ دەل شۇ. بۇ ھىكايە ماڭا بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىي رەڭگىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن» تاكاد داباشىرنىڭ ئۆز ھىكايىسېنى ئاشۇ سىرلىق تاش ئارقىلىق باشلىماقچى بولغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندى.

ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان مىھمانلار داباشىرنىڭ ھىكايە ئېيتىماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، «داباشىر بىزگە ھېكايە ئېيتىپ بەرمەكچى بوپتۇ.» دەپ پىچىرلىىشپ، ئۇلار ئولتۇرغان گىلەمگە يېقىنراق كېلىشتى، باشقا مېھمانلارمۇ تاماقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىشكەچكە تاكادنىڭ قولىقىغا تاماق چايناۋاتقاندا چىققان ئاۋازدىن باشقا ھېچنىمە كىرمەيتتى، كۆز ئالدىدا بولسا لوق گۆشلەر توختىماستىن پۇلاڭلايتتى. تاكاد بىردەمدىلا ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ بۇ ئالۋاستى جايدىن تېزراق كېتىشنى، ئىككىنچى ئاياق باسماسلىقنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق داباشىر ئۇنى كەتكۈزىۋېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. گويا قەستەن ئۇنى مۇشۇنداق رەسۋا قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە، پەقەت تاكادلا ھېچنەرسە يىمەي ئولتۇراتتى. ئەمما، ھېچكىم ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلمىغان، ھەتتا بىر پارچە بولكىمۇ بەرمىگەن ئىدى، ئۇ ئامالسىز تەخسىلەردىن پولغا چۈشىۋاتقان بولكا ئۇۋاقلىرىغا كۆزىنى يوغان ئېچىپ قاراپ ئولتۇراتتى.

خۇلاسە كالام

دۇنيادا قەرىز ئىگىسىگە يولۇقۇپ قېلىشتىمنۇ قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك، قەرىزدار قەرىز ئىگىسىگە يولۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى قېچىش بولىدۇ. لېكىن، قەرىزدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، ئاخىر ئۇنىڭغا يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەندە، ئۆز جاسارىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بىلەن ئۇنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، قەرىز ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيمىز.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.