Home تېرە قەغەزنىڭ ئۈچىنچىسى
Post
Cancel
The Scroll Marked 3

تېرە قەغەزنىڭ ئۈچىنچىسى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

تېرە قەغەزنىڭ ئۈچىنچىسى

قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە توختىمايمەن.

قەدىمقى شەرىقتە، ئېلىشىشقا سالىدىغان بۇقىلارنى تاللاشنىڭ بەلگىلىك تەرتىپلىرى بولىدىكەن ئاۋۋال بۇقا مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىدىكەن، بۇقا قولىدا نەيزە تۇتقان چەۋەندازلارغا ھۇجۇم قىلىدىكەن، بەدىنىگە نەيزە سانجىلغاندىن كېيىن چەۋەندازلارغا قىلغان ھۇجۇم سانىنىڭ ئاز _ كۆپلۈكىگە قاراپ، رېپىرى بۇقىنىڭ باتۇرلۇق دەرجىسىنى بېكىتىدىكەن، ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك. بۈگۈندىن باشلاپ، مېنىڭ ھاياتىم ھەركۈنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. مەن قەتئىي تەۋرەنمەي، باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالىساملا، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن.

قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە توخىتمايمەن.

مەن دۇنياغا مەغلۇبىيەت ئۈچۈن كەلمىگەن، تومۇرلىرىمدا مەغلۇبىيەتنىڭ قېنى يوق. مەن خالىغانچە قامچا يەيدىغان قوزا ئەمەس، مەن يېرتقۇچ شىر، قوزىلار بىلەن بىرسەپتە ئەمەس. مەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ يىغىسىنى ، بېلى بوشلارنىڭ زارلىنىشلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن، بۇ قوي پادىسى ئىچىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل، ئۇنى ھەرگىز يۇقتۇرۋالمايمەن. مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ قۇشخانىسى مېنىڭ ئاخىرقى ماكانىم ئەمەس. قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمغۇچە توختىمايمەن.

ھاياتلىقنىڭ مۇكاپاتى ھايات مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا يېقىن ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى نۇقتىسىدا، ئاخىرقى نىشانغا قانچە قەدەم ماڭغاندا يېتىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم، مىڭ قەدەم مۇساپىنى بېسىپ بولغاندا مەغلۇپ بولىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ، لېكىن، مۇۋەپپەقىيەت ئايلانمىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يەنە قانچىلىك مۇساپە قالغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەي قايتىپ كەلسەم چاتاق.

ئالدىمغا بىر قەدەم ئېلىپ نەتىجىسىنى كۆرەلمىسەم ، يەنە ئالدىمغا سىلجىيمەن. ئەمەلىيەتتە بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەش ئۇنچە تەس ئەمەس.

قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە توختىمايمەن.

بۈگۈندىن باشلاپ، مېنىڭ ھەر كۈندىكى كۈرىشىم خۇددى غايەت زور دەرەخكە بىر پالتا ئۇرغان بىلەن باراۋەر. دەسلەپكى بىر نەچچە پالتا چوڭقۇر ئىز قالدۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئۇرغان ھەربىر پالتا قارىماققا ئۈنۈمسىز كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئۇلار يىغىلىپ، ئۇ غايەت زور دەرەخنى ئاخىر يىقىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىمغا ئوخشايدۇ.

ئېگىز تاغلارنى يوغان يامغۇردەك، يىرتقۇچ يولۋاسنى يەپ تۈگىتىدىغان چۈمۈلىدەك، زېمىننى يۇرۇتقان يۇلتۇزلاردەك، ئېھرامنى ياسىغان قۇللاردەك، مەنمۇ قەلئەيىمنى بىر خىش، بىر خىشتىن ياساپ چىقىمەن، چۈنكى مەن سۇ تامچىسىنىڭ تاشنى تېشىۋېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. پەقەت بوشاشماي داۋاملاشتۇرساملا ، ھەرقانداق ئىش قىلغىلى بولىدۇ.

قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە توختىمايمەن.

مەن مەغلۇبىيەت دېگەن نەرسىنى خىيالىمغا يېقىن يولاتمايمەن، بۈگۈندىن باشلاپ، مېنىڭ لۇغىتىمنى تاشلاپ قويۇش مۇمكىن ئەمەس، قىلغىلى بولمايدۇ، ئامال، چاتاق بولدى، مەغلۇبىيەت، ئاقمايدىغان ئىش، ئۈمىد يوق ، چېكىنىش…… دېگەندەك سۆزلەر بولمايدۇ. مەن ئۈمىدسىزلىك گىردابىدىن ئۆزۈمنى ئىمكان بار يىراق تۇتىمەن. ئۇ تەھدىت سېلىپ كەلگەندە ، ئۆزۈمنى ئىمكان بار يىراق تۇتىمەن. ئۇ تەھدىت سېلىپ كەلگەندە، بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا خىرىس قىلىمەن. مەن قېتىرقىنىپ ئەجىر سىڭدۈرىمەن، جاپا_ مۇشەققەتلەرگە چىدايمەن. كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيمەن ، ئايىغىم ئاستىدىكى پۇتلىكاشاڭلارغا پەرۋا قىلمايمەن. ئىشەنچىم كامىل، قۇملۇقنىڭ ئايىغى بوستانلىق.

قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە توختىمايمەن.

مەن قەدىمكى تەڭپۇڭلۇق پرىنسىپىنى ئېسمدە مەھكەم ساقلايمەن ، ئۆزۈمنى چىداملىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىمەن. چۈنكى، ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەت كېيىنكى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتكە پۇرسەت ھازىرلاپ تۇرىدۇ؛ بۇ قېتىملىق قوشۇما تۈرۈش كېيىنكى قېتىملىق يايراپ كۈلۈش دېمەكتۇر؛

بۈگۈنكى بەختسىزلىك كۆپ ھاللاردا ئەتىكى بەختنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدۇ. كەچ كىرىپ، بىر كۈنلۈك ئىشىمنى قايتا ئويلىغىنىمدا، مەندە رازىمەنلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. بىر نەرسىگە چوڭقۇر ئىشنىمەن، كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە توختىمايمەن.

مەن ئۇرۇنۇپ باقىمەن، ئۇرۇنۇپ باقىمەن، يەنە ئۇرۇپ باقىمەن. توسالغۇلار مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولۇمدىكى ئەگرى يول، مەن بۇ خرىسقا تاقابىل تۇرالايمەن. مەن ماتروسلارغا ئوخشاش شامالنىڭ كۈچى بىلەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيمەن.

قەتئىي بوشاشماي، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە توختىمايمەن.

بۈگۈندىن باشلاپ، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىمەن. ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت، مەغلۇبىيەتلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن. ھەرقانداق ئىشقا ئىشەنچ تۇرغۇزىمەن، ئەتە تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. كۈچ مادارىمدىن كەتكەندە، ئۆيگە قايتىش خىيالىدىن ۋاز كېچىمەن، يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ باقىمەن، مەن قايتا - قايتا ئۇرۇنۇپ، ھەركۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى قولغا كەلتۈرىمەن، مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلىنىمەن. مەن ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ئۇرۇق سالىمەن، ھەرقانداق ئىشنى ئۆز قائىدىسى بويىچە ئىشلەيدىغان ئادەملەردىن ئۆتۈپ كېتىمەن. باشقىلار ئىلگىرلەشتىن توختاپ قالغاندا، مەن داۋاملىق تىرمىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمەن، ئاخىر بىر كۈنى مول - ھوسۇل ئالىمەن.

مەن تۈنۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيىتىم ئۈچۈن قانائەتلىنىپ قالمايمەن، چۈنكى بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ بېشارىتى. مەن تۈنۈگۈنكى ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ كېتىمەن، ياخشى ياكى يامان بولسۇن ھەممىسىنى ئۇنتۇيمەن. مېنىڭ ئىشەنچىم تولۇق، يېڭى بىر قۇياشنى كۈتۈۋالغاندا «بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى بىر كۈن بولىدۇ » دېگەنگە ئىشەنچ تۇرغۇزىمەن.

تنىقىملا بولىدىكەن، ئىشىمنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمەن:

چۈنكى ، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرىنى بولىۋالدىم:

قەتئىي بوشاشمىسىلا ، ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.