Home تېرە قەغەزنىڭ ئالتىنچىسى
Post
Cancel
The Scroll Marked 6

تېرە قەغەزنىڭ ئالتىنچىسى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

تېرە قەغەزنىڭ ئالتىنچىسى

بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن.

دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ، پەسىيىدۇ، قىش كېتىدۇ، باھار كېلىدۇ، يازدىن كېيىن كۈز كېلىدۇ، ئاي بىردە ئورغاق شەكىلدە، بىردە تولۇن شەكلىدە بولىدۇ، ياۋا غازلار كېلىدۇ، يەنە كېتىدۇ، گۈللەر ئېچىلىدۇ، توزۇيدۇ، چۆپلەر ئۆسىدۇ، مېۋىلەر پىشىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىمى مەۋجۇدات دەۋرلىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، كەيپىياتىم بەزىدە ياخشى، بەزىدە ناچار بولۇپ تۇرىدۇ.

بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن.

بۇ تەبىئەتنىڭ چاقچىقى، ئۇنىڭ سىرىنى بىلىدىغانلار كەمدىن - كەم چىقىدۇ. مەن ھەركۈنى ئويغانغاندا، بۇرۇنقى كەيپىياتىمنى ئۇنتۇيمەن. تۈنۈگۈنكى خۇشاللىق بۈگۈن قايغۇغا ئايلىنىدۇ، بۈگۈنكى قايغۇ ئەتىكى خۇشاللىققا ئورۇن بېرىدۇ. مېنىڭ يۈرىكىمدە توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىر چاق بار، خۇشاللىقتىن قايغۇغا، قايغۇدىن خۇشاللىققا، يەنە خۇشاللىقتىن قايغۇغا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ گۈلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوخشايدۇ، بۈگۈن گۈلدەك ئېچىلغان چىراي ئەتە ئۈمىدسىزلىكتىن سولىشىپ قېلىشى قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ، بىر نەرسىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، بۈگۈن قۇرۇپ قالغان گۈلنىڭ بەرگىگە ئەتىكى يرڭى ھاياتلىقنىڭ ئۇرۇقى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۈگۈنكى قايغۇ ئەتىكى خۇشاللقىنىڭ بېشارىتى.

بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن.

قانداق قىلغاندا كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ھەركۈنى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن كەيپىياتىمنى نورمال تۇتۇشۇم كېرەك، بولمىسا ئەتىكى كۈنۇممۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆسىدۇ. لېكىن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ھاۋا پەيدا قىلىشىم كېرەك. مەن يېتىشىمىگەن ھاۋانى ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىم ئارقىلىق تولۇقلاشنى ئۆگىنىۋالمىسام بولمايدۇ. ئەگەر مېنىڭ خېرىدارلارغا ئاتا قىلىدىغىنىم قار - بوران ، قايغۇ - ئەلەم، زۇلمەت ۋە ئۈمىدسىزلىك بولسا، ئۇلارنىڭ ماڭا قايتۇردىغىنىمۇ قار - بوران، قايغۇ - ئەلەم، زۇلمەت ۋە ئۈمىدسىزلىك بولىدۇ، مېنىڭ ماللىرىمنى ئالمايدۇ. ئەكىسچە خېرىدارلارغا خۇشاللىق، يورۇقلۇق ۋە كۈلكە ئاتا قىلسام ، ئۇلار مۇ ماڭا خۇشاللىق، يورۇقلۇق ۋە كۈلكە قايتۇرىدۇ، ئۇ چاغدا ماللىرىمنى ھەسسىلەپ سېتىپ، تەڭداشسىز بايلىققا ئېرىشىمەن.

بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن.

ھەركۈنى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈش ئۈچۈن ، قانداق قىلغاندا كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ مەن قەدىمدىن كېلىۋاتقان مۇنۇ سىرنى بىلۋېلىشىم كېرەك:

ئاجىزلار ھەرىكىتىنى كەيپىياتىغا بويسۇندۇرىدۇ، كۈچلۈكلەر كەيپىياتىنى ھەرىكىتىگە بويسۇندۇرىدۇ. ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا ، قايغۇ ، بىچارىلىك ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالسام، ئۇنىڭغا مۇنداق تاقابىل تۇرىمەن:

مەيۈسلەنگەندە، ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتىمەن.

قايغۇغا چۆمگەندە، ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ كۈلىمەن.

ئاغرىپ قالغاندا، ھەسسىلەپ خىزمەت قىلىمەن .

ۋەھىمە باسقاندا، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيمەن.

ئۆزۈمدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە، يېڭى كىيىملىرىمنى كىيىمەن. خاتىرجەمسىزلەنگەندە، ئاۋازىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سۆزلەيمەن.

نامراتلىشىپ كەتكەندە، كەلگۈسىدىكى بايلىقنى ئويلايمەن.

نامراتلىشىپ كەتكەندە، كەلگۈسىدىكى بايلىقنى ئويلايمەن.

دەرمانىمدىن قالغاندا، ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنى ئويلايمەن.

ئۆزۈمنى ئاجىز ھېسى قىلغاندا، كۆزلىگەن نىشانىمنى ئويلايمەن.

قىسقىسى، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن.

بۈگۈندىن باشلاپ، مەن بىر نەرسىنى چۈشەندىم، ئىقتىدارسىزلارنىڭلا قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ، مەن ئىقتىدارسىز ئەمەس، مەن مېنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان كۈچلەر بىلەن توختىماي ئېلىشىشىم كېرەك. ئۈمىدسىزلىك ۋە قايغۇ - ئەلەمنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، دۈشمەننى ئاسان سېزىۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇلار چىرايىدا تەبەسسۇم، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ كېلىدۇ، مېنى خالىغان ۋاقتىدا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئۇلارغا كەلگەندە، ھوشيارلىقىمنى مەڭگۈ بوشاشتۇرماسلىقىم كېرەك.

مەنمەنچىلىكىم تۇتقاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن.

باياشاتلىققا ئېرىشكەندە، ئاچ قالغان كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن.

يۈرىكىمدە كۆرەڭلىك تۇيغۇسى باش كۆتۈرگەندە، رىقابەتچىلىرىمنى ئەسلەيمەن.

خۇشاللىققا ئېرىشكەندە، خورلۇق تارتقان چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن.

ئۆزۈمنى چوڭ تۇتقاندا، ئۆزۈمنىڭ ھەممىگە قادىر ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلايمەن.

بايلىققا ئېرىشكەندە، ئاچ يۈرگەنلەرنى ئويلايمەن.

تەكەببۇرلىقىم تۇتقاندا، ئۆزۇمنىڭ قورقۇنچاقلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن.

جاھانغا پاتماي قالغان چاغلىرىمدا، بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۇلتۇزلارغا قارايمەن.

بۈگۈنمەن ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن.

مەن بۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولسام، باشقىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى تىخىمۇ ئاسان سېزىۋالالايمەن.مەن غەزەپتىن ئەسەبىيلەشكەن ئادەملەرنى كەچۈرىمەن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى بېسىۋېلىشنى ئۇقمايدۇ، ئۇلارنىڭ تىللاش، ھاقارەتلەشلىرىگە چىدايمەن. چۈنكى ، ئۇلارنىڭ ئەتە ئۆزگىرىپ،مۇلايىم ھالىتىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

مەن ئادەملەرنىڭ بىرلا تەرىپىگە قاراپ باھا بېرىدىغان، بىرەملىك ئۆچ- ئاداۋەتنى دەپ باشقىلار بىلەن ئارلاشمايدىغان ئىشنى قىلمايمەن. بۈگۈن بىر تيىن پۇل خەجلەپ كاتتا پەيتۇن سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمىغان ئادەم، ئەتە پۈتۈن مال - بىساتىنى بىرتال چرىمغا تېگىشىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ سىرنى بىلۋالغانكەنمەن، چوقۇم زور بايلىققا ئېرىشىمەن.

بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن.

مەن ھازىر ئىنسان كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشدىكى سىرنى بىلۋالدىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆزگىرىشچان كەيپىياتىمنى ئەمدى ئۆزمەيلىگە قويۇپ بەرمەيمەن. ماڭا مەلۇم، ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا قادىر ئادەملا، ئۆزتەقدىرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ.

مەن ئۆز تەقدىرىمنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرالايمەن، مېنىڭ تەقدىرىم دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى بولۇش.

مەن ئۆزۈمگە خوجايىن بولىمەن.

مەن مۇشۇ ئارقىلىق ئۇلۇغۋارلىققا ئېرىشىمەن.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.