Home تېرە قەغەزنىڭ يەتتىنچىسى
Post
Cancel
The Scroll Marked 7

تېرە قەغەزنىڭ يەتتىنچىسى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

تېرە قەغەزنىڭ يەتتىنچىسى

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ قارايمەن.

پەقەت ئىنسانلارلا كۈلەلەيدۇ. دەل- دەرەخلەر يارىلانسىمۇ <قان> ئاقىدۇ، جان جانىۋارلارمۇ ئازاب ۋە ئاچلىقتىن نالە - زار قىلىدۇ، پەقەت مەنلا كۈلۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، خالىغان ۋاقىتتا ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ كۈلەلەيمەن. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن كۈلۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرىمەن.

كۈلكىنىڭ ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بار، كۈلكە روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، كۈلكە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ مەخپىي رېتسىپى. مەن ھازىر ئۇنى ئاخىر ئىگلىۋالدىم.

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ باقىمەن.

مەن ئۆزۈمگە كۈلىمەن، چۈنكى ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغانلار دائىم كۈلكىلىك ئەھۋالغا قالىدۇ. بۇ روھىي ھاڭغا ھەرگىز چۈشۈپ كەتمەسلىك كېرەك. مەن تەڭرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى بولساممۇ، يەنىلا دېڭىز سۈيىنىڭ بىر تامچىسىغۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ نەدىن كەلگەنكىكىمنى ، نەگە بارىدىغانلىقىمنى راستتىنلا بىلەمدىمەن؟ مەن ھازىر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار ئون يىللاردىن كېيىن ئەخمىقانە ئىش بولۇپ قالماسمۇ؟ مەن ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن نېمىشقا پاراكەندە بولىمەن؟ بۇ ئۇزۇن تارىخىي جەريەندا، ئادەمنىڭ خاتىرىسدە زادى قانچىلىك نەرسە قالىدۇ؟

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ باقىمەن.

باشقىلار چىشىمغا تەگكەندە، بىرەر كۆڭۈلسىز ئىشقا يولۇققاندا، مەن ياش تۆكىمەن، زارلاپ - قاقشايمەن. قانداقمۇ كۈلگىلى بولسۇن؟ بىر ھېكىمەتلىك سۆز بار، مەن ئۇنى قايتا مەشىق قىلىمەن، تاكى ئۇ قان - قېنىمغا سىڭىپ ، ئۆز گېپىمگە ئايلانغۇچە، ماڭا مەڭگۈلۈك ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغۇچە مەشىق قىلىمەن. بۇ ھېكىمەتلىك سۆز قەدىم زاماندىن كەلگەن ، ئۇ مېنىڭ قىيىن ئۆتكەنلەردىن ئۆتۈشۈمگە ، تۇرمۇشتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىمغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ ھېكىمەتلىك سۆز: ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ، دىگەندىن ئىبارەت.

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ باقىمەن.

دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسە ۋاقتى كەلگەندە ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. يۈرىكىم زەئىپلەشكەندە، ئۆزۈمگە تەسللىي بىرىمەن: ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ تېرەمگە پاتماي قالغاندا، مەن ئۆزۈمنى ئەسكەرتىمەن: ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ نامراتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا، ئۆزۈمگە خىتاب قىلىمەن: ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ بايلىققا ئېرىشكەندە، ئۆزۈمگە يەنە شۇنداق خىتاب قىلىمەن: ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنداق ، ئۆز ۋاقتىدا ئېھرامنى ياسىغانلار ھازىر سوغۇق تاشنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، ئېھراممۇ بىر كۈنلەر كەلگەندە قۇم - توپنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۇپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئاقىۋىتى شۇنداق بولغانىكەن، مەن بۈگۈن ئېرىشكەن ھەم ئايرىلىپ قالغان نەرسىلەرگە نېمانچە قىلىپ كېتىمەن؟

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ باقىمەن.

مەن كۈلكە سادايىم بىلەن بۈگۈنگە زىننەت بېرىمەن، ناخشا سادايىم بىلەن قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىمەن. مەن ئەمدى كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيمەن، قايغۇ - ئەلەملەرنى جىددىي خىزمەت بىلەن ئۇنتۇيمەن. مەن بۈگۈنكى خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىمەن، ئۇنى ئاشلىققا ساقلىغىلى بولمايدۇ، ئۇ ساقلىغانسېرى ئېسىل تەم كىرىدىغان ھاراق ئەمەس. مەن كەلگۈسى ئۈچۈن ياشايمەن، بۈگۈن تېرىغاندىن بۈگۈن ھوسۇل ئالىمەن.

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ باقىمەن.

ھەممە نەرسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى كۈلكە ئىچىدە ئاشكارىلىنىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ مەغلۇبىيتىمگە كۈلىمەن، ئۇ چۈش دۇنياسىدىكى رەڭدار بۇلۇتلارغا ئايلىنىدۇ؛ مەن ئۆزۈمنىڭ مۇۋەپپەقىيتىگە كۈلىمەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتىدۇ؛ مەن رەزىللىككە كۈلىمەن، ئۇ مېنىڭدىن يىراققا قاچىدۇ؛ مەن ئاق كۆڭۈللۈككە كۈلىمەن، ئۇ تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالىدۇ. مەن كۈلكەم ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر قىلىمەن، بۇنىڭغا شەخسىي مۇددىئا ئارىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولى، چۈنكى قوشۇمامنى تۈرۈۋالسام ، خېرىدارلار مەندىن قاچىدۇ.

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ باقىمەن.

بۈگۈندىن باشلاپ ، مەن پەقەت بەخت ئۈچۈنلا كۆز يېشى ئاققۇزىمەن، چۈنكى قايغۇ، نەپرەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن ئاققۇزغان ياشلارنىڭ سودا بازىرىدا ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ، پەقەت تەبەسسۇم ئارقىلىقلا بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ياخشى گەپ بىلەن قورغان قۇرغىلى بولىدۇ.

مەن ھەرقانچە كاتتا، ئەقىللىق، يۈز - ئابرۇيلۇق، كۈچلۈك بولۇپ كەتسەممۇ ، ئۆزۈمنى ۋە ئەتراپىمدىكى جىمى نەرسىنى مەسخىرە قىلىشىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. بۇ جەھەتتە مەن كىچىك بالىدەك بولىمەن. چۈنكى ، كىچىك بالا بولغاندىلا ، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىمەن، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغاندىلا ، ئۆزۈمنى چوڭ تۇتمايدىغان بولىمەن.

مەن پۈتۈن دۇنياغا كۈلۈپ باقىمەن.

مەن كۈلۈپ تۇرساملا ، مەڭگۇ نامراتلىقتا قالمايمەن. بۇمۇ بىر قابىلىيەت، مەن ئۇنى ئەمدى زايە قىلمايمەن. مەن پەقەت كۈلكە ۋە خۇشاللىق ئىچىدىلا مۇ ۋەپپەقىيەتنىڭ تەمنى ھەقىقىي تېتىيالايمەن؛ پەقەت كۈلكە ۋە خۇشاللىق ئىچىدىلا ، ئەمگەك مېۋىسىدىن ھەقىقىي ھۇزۇرلىنالايمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، مەن مەغلۇپ بولىمەن، چۈنكى خۇشاللىق ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ئېىسل ھاراق. مۇۋەپپەقىيەتتىن ھۇزۇرلىنىشتا ئاۋال خۇشاللىق بولۇشى كېرەك، كۈلكە بولسا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھى .

مەن خۇشاللىققا ئېرىشىمەن.

مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن.

مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى بولىمەن.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.