Home تېرە قەغەزنىڭ تۆتىنچىسى
Post
Cancel
The Scroll Marked 4

تېرە قەغەزنىڭ تۆتىنچىسى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

تېرە قەغەزنىڭ تۆتىنچىسى

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

تەڭرى كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇداتنى ياراتقاندىن بېرى، ماڭا ئوخشاش ئادەم چىقىپ باققان ئەمەس. مېنىڭ مېڭەم ، يۈرىكىم، كۆزۈم ، قۇلقىم، قولۇم، چېچىم ۋە لەۋلىرىم باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. سۆز - ھەرىكىتى مېنىڭكىگە پۇتۈنلەي ئوخشايدىغان ئادەم ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، ھارىز يوق، كەلگۈسدىمۇ بولمايدۇ. كىشلەر بىر - بىرىگە قېرىنداش بولسىمۇ ، ئۆز ئالدىغا مىجەز - خاراكتىر بولىدۇ. مەن دۇنيادا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان يارالمىش.

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

مەن ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاساسەن قانائەتلەنمەيمەن، يۈرىكىمدە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەشئەل كۆيۈۋاتىدۇ. ئۇمېنى ئۆزۇمدىن ئۆتۈپ كېتىشكە رىغبەتلەندۈرىۇ. مەن بۇ مەشئەلنى تېخىمۇ يالقۇنلىتىمەن؛ ئۆزۇمنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلايمەن.

مېنىڭ پۇچۇركامنى، ماركامنى ، نەتىجەمنى ، تونۇشتۇرۇپ مال سېتش ئىقتىداراىمنى ھېچىكىم دورىيالمايدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ ، مەن ئۆزۇمنىڭ ئالاھىدىلىكمنى تولۇق نامايان قىلىمەن، چۈنكى بۇ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمدىكى چوڭ مەبلەغ.

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

مەن باشقىلارنى ئورۇنسىز دورايدىغان ئىشنى ئەمدى قىلمايمەن، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكىمنى تۇلڭق نامايان قىلىش بىلەنلا قالماي، ئۇنى باشقىلارغا تونۇشتۇرىمەن. مەن ئالاھىدىلىكىمنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۆگىنىمەن، ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا ئوخىشمايدىغان تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۇرىمەن، باشقىلاردىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشىتىن ساقلىنىمەن. مال ساتقۇچى بىلەن مال مۇستەقىل ھالەتتە بولىدۇ. مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن.

مەن بىردىنبىر مۆجىزە.

مال كەمچىلىكى بىلەن ئەتىۋارلىق. مەن مۇستەقىل ھالەتتە ياشايمەن، بۇنىڭ بىلەم قىممىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. مەن نەچچە مىليون يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىر مۇقىملاشقان مەھسۇلات، مېڭەم ۋە بەدىنىم ئىلگىرىكى ھەرقانداق پادىشاھ ۋە ئەقىلدارلانى بېسىپ چۈشىدۇ.

لېكىن ماھارىتىم، مېڭەم ، يۈرىكىم ، بەدىنىم جايىدا ئىشلىتىلمىسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گاللىشىدۇ، چىرىيدۇ، ھەتتا ئۆلىدۇ. مېنىڭ يوشۇرۇن كۈچۈم چەكسىز، زېھنىم، ئىقتىدارىمنى ئازراقلا ئىشقا سالسام، ئىلگىرىكى ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەتتىن زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن. بۈگۈندىن باشلاپ ، مەن يوشۇرۇن كۈچۈمنى ئاچىمەن.

مەن تۈنۈگۈنكى نەتىجەم ئۈچۈن مەززە قىلىپ ئولتۇرمايمەن. تۇتامغا چىقمايدىغان نەتىجىلەر ئۈچۈن كۆرەڭلەپ يۈرمەيمەن.قىلىدىغانلىرىم قىلغانلىرىمدىن ياخشى بولىدۇ. مېنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشۇم ئەڭ ئاخىرقى مۆجىزە ئەمەس، مەن نېمە ئۈچۈن يەنە مۆجىزە يارىتالمايمەن؟

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

مەن بۇ دۇنياغا مۇنداقلا كىلىپ قالغان ئەمەس، ئەرزىمەس نەرسىلەر بىلەن ئەمەس، ئېگىز تاغلار بىلەن بەسلەشكىلى كەلگەن. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ تاغلارنىڭ شاھى بولىمەن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە جارى قىلدۇرىمەن.

مەن ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىمەن. ئۆزۈمنى ۋە قولۇمدىكى مالنى چۈشىنىمەن، شۇندىلا ماللىرىمنى ھەسسلەپ ياخشى ساتالايمەن. مەن گەپ - سۆزنى جايىدا ئىشلىتىپ، تونۇشتۇرۇپ مال سېتشقا قوللىنىدىغان گەپ - سۆزلەر ئۈستىدە ئىزدىنىمەن. چۈنكى ، بۇ ئىشلىرىمدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. بىر نەرسىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر يۈرۈش تىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىلىرىنى ھەممە يەردە ئوڭ قىلىپ تۇرىدۇ. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەقى - تۇرقى ۋە سالاپىتىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرىمەن، چۈنكى بۇ باشقىلارنى جەلىپ قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاق.

مەن كۆز ئالدىمدىكى خىرىسقا پۈتۈن زېھىن - قوۋۋىتىم بىلەن تاقابىل تۇرىمەن، باشقا ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇيمەن. ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭلۈمنى بۆلمەيمەن. سودا ئۈستىدە تۇرغاندا ئائىلەمنى ئويلىمايمەن، بولىمىسا پىكرىم قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا خىزمەتنى كاللامدىن چىقىرىۋېتىمەن، بولمىسا ئائىلىگە كۆڭۈلسىزلىك سايە تاشلاپ قالىدۇ.

سودا بازىرىدا ئائىلىگە مەنسۇپ ئالىقاندەك يەر بولمايدۇ، ئوخشاشلا ئائىلىدىمۇ سودىغا قىلچە ئورۇن بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ چېگرىسنى ئېنىق ئايرىۋېتىش كېرەك. بولمىسا ھەر ئىككىسىدىن بەتىجە كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ نۇرغۇن ئادەملەر ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان مەسىلە.

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

مېنىڭ ئىككى كۆزۈم روشەن، كۆزىتەلەيمەن؛ مېنىڭ مېڭەم سەگەك، پىكىر يۈرگۈزەلەيمەن. مەن ھازىر ئىنسان ھاياتىدىكى ئۇلۇغ سىرنىڭ تېگىگە يېتىپ بولدۇم. مۇنداق قارىسام ، بارلىق مەسلە مەيۈسلىنىش، قايغۇرۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىقابلىنىۋالغان پۇرسەت ئىلاھلىرى ئىكەن. مەن ئەمدى ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ئالدىنىپ قالمايمەن، مەن كۆزلىرىمنى ئېچىپ ، ئۇلارنىڭ نىقاب ئىچىدىكى ئەسلىي قىياپىتىنى ككرۈۋالدىم.

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

جان - جانىۋار، ئوت - چۆپ ، دەل دەرەخ، بوران - يامغۇر، تاغ -تاش، دەريا - كۆللەرنىڭ كېلىىش مەنبەسى ماڭا ئوخشىمايدۇ. مەن مۇھەببەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، زىممەمدىكى مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ياشايمەن. ئىلگىرى بۇ پاكىتقا سەل قاراپتىكەنمەن . بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇ مېنىڭ مىجەز - خاراكتېرىمنى شەكىللەندۈرىدۇ، مېنى ھاياتلىق يولىغا باشلايدۇ.

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

تەبىئەت دۇنياسى مەغلۇبىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەرقاچان غالىبلار قىياپىتىدە نامايان بولىدۇ، مەنمۇ شۇنداق بولىمەن. چۈنكى ، مۇۋەپپەقىيەت بىر قېتىم قولغا كەلسە، ئىككىنچى قېتىممۇ قولغا كېلىدۇ.

مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن، مەن ئۇلۇغ مال ساتقۇچى بولالايمەن، چۈنكى مەن بۇ دۇنيادا تەڭداشسىز.

مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.