Home تېرە قەغەزنىڭ بەشىنچىسى
Post
Cancel
The Scroll Marked 5

تېرە قەغەزنىڭ بەشىنچىسى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

تېرە قەغەزنىڭ بەشىنچىسى

ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن بولسا.

مەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى ، ئەڭ قىممەتلىك بىر كۈندىن قانداق پايدىلىنىشىم كېرەك؟ ئالدى بىلەن، مەن بۇ بىر كۈن ۋاقىتىنى ياخشى ساقلايمەن، بىر مىنۇت، بىر سېكۇنىت ۋاقىتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمايمەن. مەن تۈنۈگۈنكى بەختىسىزلىك ئۈچۈن ئاھ ئۇرمايمەن. تۈنۈگۈنكى بەختسىزلىىك بۈگۈنكى ئىشىمغا سايە تاشلىمىسۇن.

ۋاقىت كەينىگە قايتامدۇ؟ قوياش غەرىبتىن چىقىپ، شەرققە پاتامدۇ؟ مەن تۈنۈگۈنكى خاتالىقلىرىمنى تۈزىتەلەيمەنمۇ؟ مەن تۈنۈگۈنكى جاراھەتلىرىمنى ساقايتالايمەنمۇ؟ مەن تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا ياش بولالايمەنمۇ؟ ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن بولمىغۇر گەپ، ئېتىلغان مۇشت ۋە بارلىق ئازابلارنى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟

بولمايدۇ! ئۆتكەن ئىش مەڭگۈ قايتىلانمايدۇ، مەن ئۆتكەن ئىشلارنى كاللامدىن چىقىرىۋېتىمەن.

ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن بولسا.

مەن قانداق قىلىشم كېرەك؟ تۈنۈگۈنكى ئۇنتۇش، ئەتىنىمۇ بەك ئويلاپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەتە دېگەن نامەلۇم سان. بۈگۈنكى زېھنىمىزنى نېمە ئۈچۈن نامەلۇم ئىشقا زايە قىلىمىز؟ ئەتە ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇپ ئولتۇرساق، بۈگۈنكى ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بولىمىز. بۈگۈن سەھەردىكى قۇياشنىڭ يەنە بىر قېتىم چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق، كۈن ئولتۇرۇپ بولغان بولىدۇ. بۈگۈننىڭ يولدا كېتىۋېتىپ ئەتىنىڭ ئىشىنى قىلغىلى بولامدۇ؟ مەن ئەتە تاپىدىغان تىللارنى بۈگۈننىڭ ھەميېنىغا سالالايمەنمۇ؟ ئەتە پىشىدىغان قوغۇن بۈگۈن ساپىقىدىن چۈشەمدۇ؟ ئەتىكى مۇسىبەت بۈگۈنكى خۇشاللىققا سايە تاشلىيالامدۇ؟ مەن ئورۇنسىز غەم، ھاجەتسىز ئەندىشە قىلسام بولامدۇ؟ مەن ئەتىنىمۇ بۈگۈنگە ئوخشاش دەپنە قىلىۋېتىمەن، ئۇنى قايتا ئويلىمايمەن.

بۇگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن.

بۇ ھاياتىمدا قېپقالغان بىرلا كۈن ، رېئاللىقنىڭ مەڭگۈلۈك توچكىسى. مەن خۇددى ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان مەھبۇستەك، يېڭى قۇياشنى خۇشاللىق ياشلىرىم بىلەن كۈتۈۋالىمەن. مەن ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، قىممىتى چەكسىز بۇ بىر كۈنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. تۈنۈگۈنلا مەن بىلەن بىللە قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋالغان دوستلىرىمنىڭ بۈگۈن يوقلۇقىنى ئويلىغىنىمدا، مەن ئۆزۈمنىڭ تەلەيلىك بولغانلىقىم ئۈچۈن تەڭرىگە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. مەن چەكسىز تەلەيلىك ئادەم، بۈگۈنكى ۋاقىت ماڭا پەۋقۇلئاددە بېرىلگەن مۇكاپات. نۇرغۇن قۇدرەت ئىگلىرى مېنىڭدىن بۇرۇن كېتىپ قالدى، مەن قانداق بولۇپ بۇ بىر كۈنگە ئېرىشەلىدىم؟ ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولغان، مەن بولسام تېخى يېرىم يولدا قالغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم ئۈچۈن بېرىلگەن بىر پۇرسەتمۇ؟ تەڭرىنىڭ مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدا باشقىچە خىيالى بارمۇ - قانداق؟ بۈگۈنكى كۈن مېنىڭ باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشىمدىكى بىر پۇرسەتمۇ؟

بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن.

ھايات بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتى ۋاقىتىنىڭ جۇغلانمىسى دېمەكتۇر. مەن بۈگۈنكى ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۋەتسەم، ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېتىنى ئاق قويغان بولىمەن. شۇڭا، مەن بۈگۈننىڭ ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر سېكۇنتىنى قەدىرلەيمەن. چۈنكى، ئۇلا ربىر كەتسە قايتا كەلمەيدۇ. بۈگۈننى بانكىغا قويۇپ قۇيۇپ، ئەتە ئېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ۋاقىت ەويا شامالغا ئوخشايدۇ، تۇتقىلى بولمايدۇ. مەن ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سېكۇنىتنى قولۇمدا تۇتۇپ، ئۇلارنى پۈتۈن مېھرىم بىلەن سىيلايمەن. چۈنكى، ئۇلار تەڭداشسىز قىممەتلىك، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەم ئۆمۈر بويى يىغقان مال - دۇنياسىنى ھاياتلىق ئۈچۈن بىر تىنىققا تېگىشىشگە ئامالسىز. مەن ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ھېسابلىيالمايمەن. ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ھېچقانداق نەرسە بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ!

بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن .

مەن ۋاقىتنى ئىسىراپ قىلىدىغان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمەن. مەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزىدىغان ئادەمنى يوقىتىمەن. مەن سەمىمىيلىك ئارقىلىق گۇماننى دەپنە قىلىمەن، ئىشەنچ ئارقىلىق ۋەھىمىنى يېڭىمەن. مەن قۇرۇق سۆز-چۆچەكلەرگە قۇلاق سالمايمەن، بىكار لاغايلاپ يۈرىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتمىغان ئادەملەر بىلەن باردى - كەلدى قىلمايمەن. مەن ئاخىر شۇنى تونۇپ يەتتىم، ئەگەر ھۇرۇنلۇق قىلسام، ئۆزۈم سۆيگەن ئادىمىمنىڭ قولىدىنمۇ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەككە ئېرىشەلمەيدىكەنمەن. مەن ئوغرى ئەمەس، مەندە مېھىر - مۇھەببەت بار. بۈگۈنكى كۈن مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرستىم. مەن مېھىر - مۇھەببىتىمنى ۋە ئۇلۇغلىقمنى ئىسپاتلايمەن.

بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن.

بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايمەن. مەن بۈگۈننى كىچىك بالىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، ئەتە ئۇ مەندىن ئايرىلىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىمەن؛ بۈگۈن مەن خوتۇمنى پۈتۈن مۇھەببتىم بىلەن قۇچاقلايمەن، ئۇنى ئوتلۇق لەۋلىرىم بىلەن سۆيىمەن، ئەتە ئۇ مەندىن ئايرىلىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىمەن؛ بۈگۈن مەن قىيىنچىلققا ئۇچرىغان دوستۇمغا ياردەم قولۇمنى سۇنىمەن، ئەتە ئۇ مەندىن ياردەم سورىمايدۇ ، مەنمۇ ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىيالمەيمەن. مەن بارلىقىمنى ئاتاشقا رازى، چۈنكى ئەتە بۇنىڭغا ئامالسىز مەن، باشقىلارمۇ ئالدىمغا كەلمەيدۇ.

بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرىقى كۈن.

ئەگەر بۇ مېنىڭ مەھشەر كۈنۈم بولسا، ئۇ مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ قالىدۇ. مەن ئۇنى ئەڭ گۈزەلكۈن ئورنىدا كۆرىمەن. مەن ھەر بىرمىنۇت، ھەر سېكۇنىتتىن ھەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ھۇزۇرلىنىمەن، ھەربىر مىنۇتنى قىممەتكە ئىگە قىلىمەن، پۈتۈن كۈچ- مادارىمدىن كەتكۈچە توخىتماي تىرىشمەن. كۈچ - ماغدۇرۇمدىن كەتسەممۇ داۋاملىق تىرىشىمەن، مەن تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنىڭ ئالدىغا بارىمەن ، تېخىمۇ كۆپ مال ساتىمەن، تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلايمەن. بۈگۈنكى ھەر بىر مىنۇتنىڭ قىممىتى تۈنۈگۈنكى ھەربىر سائىتنىڭ قىممىتىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەڭ ئاخىرقىسى ھەم ئەڭ ياخشىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن بولسا.

ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا، مەن تەڭرىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.