Home تېرە قەغەزنىڭ ئىككىنچىسى
Post
Cancel
The Scroll Marked II

تېرە قەغەزنىڭ ئىككىنچىسى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

تېرە قەغەزنىڭ ئىككىنچىسى

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن.

چۈنكى، بۇ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ سىرى، زور كۈچ بىلەن بىرەر قالقاننى يېرىۋتىش، ھەتتا ھاياتنى خاراب قىلىۋېتىش مۇمكىن، لېكىن مۇھەببەت چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە ، ئادەمنىڭ كۆڭۈل كۆكسىنى ئاچالايدۇ. مۇھەببەت سەنئىتىنى ئىگىلەشتىن ئىلگىرى مەن پەقەت بازاردىكى ئەرزىمەس چاپارمەن ھېسابلىنىمەن، مەن مۇھەببەتنى ئەڭ قۇدرەتلىك قورالغا ئايلاندۇرىمەن، ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ھېچكىم تەڭ كىلەلمەيدۇ.

مېنىڭ نەزەرىيىمگە بەلكىم ئۇلار قارشى تۇرار؛ مېنىڭ گەپ -سۆزلىرىمدىن بەلكىم ئۇلار گۇمانلىنار؛ مېنىڭ كىينىشلىرىم بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغماس؛ مېنىڭ چىراي-شەكلىمنى بەلكىم ئۇلار ياقتۇرماس؛ ھەتتا مېنڭ ئەرزان باھادا ساتقان مەھسۇلاتلىرىمغىمۇ ئۇلار بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، ئوتلۇق قۇياش توڭلاپ كەتكەن زېمىننى ئىللىتقاندەك، مېنىڭ مېھىر - مۇەھەببىتىم ئۇلارنى چوقۇم ئىللىتىدۇ.

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن.

مەن قانداق قىلىشم كېرەك؟ بۈگۈندىن باشلاپ، مەن ھەممە نەرسىگە تولۇپ- تاشقان مۇھەببەت بىلەن قارايمەن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشەلەيمەن. مەن قوياشنى سۆيىمەن، ئۇ ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتىدۇ؛ مەن يامغۇرنى سۆيىمەن؛ ئۇ روھىمنى پاكلايدۇ؛ مەن يورۇقلۇقنى سۆيىمەن، ئۇ ماڭا يۇلتۇزلارنى نامايان قېلىپ بېرىدۇ، مەن خۇشاللىق ئىزدەيمەن، ئۇ مېنىڭ كۆڭۈل كۆكسۈمنى ئاچىدۇ؛ مەن قايغۇ - ئەلەملەرگە چىدايمەن، ئۇ مېنىڭ روھىمنى يۈكسەلدۈرىدۇ؛ مەن پايدىنى قوبۇل قىلىمەن، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان؛ مەن قىيىنچىلىقتىن قورقمايمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا خىرىس قىلىش كۈچى ئاتا قىلىدۇ.مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن.

مەن نىمە دېسەم بولىدۇ؟ مەن دۈشمەنلىرىمنى مەدھىيىلەيمەن، ئۇلار دوستۇمغا ئايلىنىدۇ؛ دوستلىرىمنى رىغبەتلەندۈرىمەن، ئۇلار قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولىدۇ. مەن ئىمكان بار باشقىلارنى مەدھىيىلەيمەن، چېقىمچىلىق قىلىدىغان، باشقىلارئۈستىدىن ئېگىز-پەس گەپ قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، باشقىلارنى ئەيىبلەشكە توغرا كەلگەندە لېۋىمنى چىشلەيمەن، مەدھىيىلەشكە توغرا كەلگەندە ئاۋازىمنى بولۇشىغا قويۇۋىتىمەن.

ئۇچار قۇش، سەلكىن شامال، دېىڭىز دولقۇنى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىمى مەۋجۇدات ئەڭ گۈزەل، ئەڭ تەسىرلىك ناخشىلار بىلەن تەڭرىنى مەدھىيىلەۋاتىدىغۇ؟ مەنمۇ ئوخشاشلا تەسىرلىك ناخشىلار بىلەن تەڭرىنى مەدھىيىلەۋاتىدىغۇ؟ مەنمۇ ئوخشاشلا تەسىرلىك ناخشىلا بىلەن ئۇنىڭ پەرزەتلىرىنى مەدھىيىلەيمەن. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن بۇ سىرنى ئىسىمدە چىڭ ساقلايمەن، ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىدۇ.

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەن ھەربىر ئادەمنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى، بەزىدە سېزىۋالغىلى بولمىسىمۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ قايىل قىلىدىغان مىجەز-خاراكتېرى بولىدۇ. مەن كىشلەرنىڭ يۈرىكىنى بېسىپ تۇرغان تامنى، گۇمان ۋە نەپرەت بىلەن توشقان قورشاۋ تامنى مۇھەببىتىم بىلەن گۇمران قىلىۋېتىمەن. كىشلەرنىڭ قەلبىگە تۇتشدىغان كۆۋرۈك سالىمەن.

مەن جاسارەتلىك ئادەملەرنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلار ماڭا ئىلھام بېرىدۇ؛ مەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئادەملەرنى سۆيىمەن، ئۇلار ماڭا ساۋاق بېرىدۇ. مەن ئېسىلزادىلەرنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇلارمۇ ئاددىي ئادەم؛ مەن ئەدەپلىك،كەمتەر ئادەملەرنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇلار ئاددىي ئادەملەر ئەمەس؛ مەن زەردارلارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇلار تەنھالىق ئىچدە ياشايدۇ؛ مەن نامراتلارنى سۆيىمەن، چۈنكى نامراتلار تولىمۇ كۆپ؛ مەن بالىلارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇلار سەمىمىي ۋە سادىق؛ مەن پىشقەدەملەرنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈك چىقىپ تۇرىدۇ؛ مەن كۆرۈمسىز ئادەملەرنىمۇ سۆيىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى تولىمۇ تىنچ بولىدۇ.

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن.

مەن باشقىلارغا قانداق جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟ مۇھەببەت بىلەن. مۇھەببەت باشقىلارنىڭ يۈرەك قېتىنى ئېچىشىمدىكى ئاچقۇچ، مەن بەپرەت قىلىچى ۋە غەزەپ نەيزىسىدىن مۇداپىئىيلىنىدىغان قالقان. مۇھەببەت - نەپرەتنى مۇھەببەتكە ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇ مېنىڭ تىجارەت يولىدىكى تىل تۇمارىم: غېرىبلىق ھېس قىلغاندا، ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ؛ئۈمىدسىزلەنگەندە مېنى روھلاندۇرىدۇ؛ ھاياجانلانغاندا، مېنى تىنچلاندۇرىدۇ. بۇ خىل مۇھەببەت كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ بارىدۇ. مېنى قوغدايدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ؛ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارلىق مەۋجۇداتلارغا بىمالال يۈزلىنەلەيدىغان بولىمەن.

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن.

مەن ئۇچرىغان ھەربىر ئادەمگە قانداق كۆزدە قارىشىم كېرەك؟ پەقەت بىرلا ئۇسۇل بار، مەن ئۇلارغا ئىچىمدە بەخىت تىلەيمەن، بۇ ئۈنسىز مۇھەببەت مېنڭ كۆزلىرىمدە چاقنايدۇ، قاشلىرىم ئارىسدا ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ مېنىڭ جاۋغايلىرىمغا تەبەسسۇم، ئاۋازىمغا كۈچ ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئۈنسىز مۇھەببەت ئىچىدە ئۇنىڭ قەلب دېرىزىسى ماڭا ئېچىلىدۇ. ئۇ مەن تونۇشتۇرغان ماللارنى رەت قىلمايدۇ.

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن.

ئەڭ مۇھىمى، مەن ئۆزۈمنى سۆيىمەن. شۇنداق قىلغاندىلا مەن ئۆزۈمنىڭ بەدىنى، ئىدىيىسى، روھى، كاللىسى ۋە يۈرىكىگە كىرگەن بارلىق نەرسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرەلەيمەن، مەن جىسمانىي ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەيمەن، پاكلىق ۋە تىزگىنلەش ئىچىدە بەدىنىمنى ئاسرايمەن. مەن يامان نىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ كاللامغا كىرۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرىمەن. مەن روھىيتىمنىڭ قانائەت پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىغا يول قويمايمەن، تەپەككۈر ۋە ئىبادەت بىلەن ئۇنى سۇغۇرۇپ تۇرىمەن. مەن ئىچى تارلىققا ھەرگىز يول قويمايمەن، ھەرقانداق نەرسىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىمەن، پۈتۈن دۇنيانى ئىللىقلىققا تولدۇرىمەن. مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۇۋالىمەن. بۈگۈندىن باشلاپ ، مەن بارلىق ئادەمنى سۆيىمەن. مېنىڭ قانلىرىمدا نەپرەت دېگەن نەرسە بولمايدۇ. مېنىڭ سۆيۈشكىلا ۋاقىتىم بار، نەپرەتلىنىشكە ۋاقتىم يوق. ھازىرياخشى ئادەم بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستىم. مەندە مۇھەببەت پەيدا بولدى، مەن كەلگۈسىدە ئۇلۇغ مال ساتقۇچى بولىمەن. تالانتىم، بىلىمىم يېتەرلىك بولمىسىمۇ، مۇھەببەت ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن، ئەكسىچە مۇھەببەت بولمىسا سەن مىڭ تالانتلىق، مىڭ بىلىملىك بولۇپ كەتكىنىڭ بىلەنمۇ، ئاخىرىدا بەربىر مەغلۇپ بولىسەن.

مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۇۋالىمەن.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.