Home ۋىكى قامۇسى | نېكۇلا تېسلا
Post
Cancel
Nikola Tesla

ۋىكى قامۇسى | نېكۇلا تېسلا

نىكولاي تېسلا (سېربىيە تىلى: Nikola Tesla؛ 1856-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 1943-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە) ، ئاۋسترىيە ئېمپېرىيەسى-كروئېسىيە ئاپتونومىيە پادىشاھلىقىدىكى سېرۋىيەلىكنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كەشپىياتچى، فىزىك، ماشىنىسازلىق ئېنژېنېرى، ئېلېكتىر ماشىنا ئېنژېنېرى، خىمىيە ئالىمى ۋە كەلگۈسىشۇناس. ئۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تاۋارلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى دەپ قارالغان ھەم ئاساسلىقى زامانىۋى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى لايىھەلىگەنلىكتىن كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان. مايكول فارادى بايقىغان ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى نەزەرىيەسى ئاساسىدا، تېسلانىڭ ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى ساھەسىدە كۆپ تۈرلۈك ئىنقىلاب خاراكتېرلىك كەشپىياتى بار. ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئالاقىدار پاتېنتلىرى ۋە ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتى ھازىرقى زاماندىكى سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز تېلېگرافنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ.

19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى مەشھۇر « ئېلېكتىر ئېقىمى ئۇرۇشى» ۋە 1894-يىلى قىسقا دولقۇنلۇق سىمسىز ئالاقە سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تېسلا ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئېلېكتىر ماشىنا ئىنژېنېرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن كەشپىياتلىرى ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئېلېكتىر ماشىنىلىرى قۇرۇلۇش ئىلمىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارالغان. 1891-يىلى، تېسلا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىمسىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش شەكلىدە نىشانلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغاندىن كېيىن، سودىلاشقان قىتئەلەر ئارا سىمسىز توك يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقارغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق يېرىم تەييار مەھسۇلات-ۋودېن رىۋېر مۇنارىنى ياساشنى تەسەۋۋۇر قىلغان.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى تېسلا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا يېقىنلاشقان. تېسلا بىر مەھەل ۋەيران بولۇپ، ئۆيىدىن چىقماي نيۇيورك شەھىرىدىكى Wyndham New Yorker Hotel مىھمانخانىسىنىڭ 3327- ئۆيدە يالغۇز تۇردى، بەزىدە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ يۈرۈش ـ تۇرۇشى غەلىتە بولغاچقا، تېسلا ئومۇميۈزلۈك « غەلىتە ئالىم» نىڭ ئەسلىي تىپى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ پۇل ۋە قانۇن ئىشلىرىغا پەرۋا قىلماسلىقى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەجەللىك يارا. سان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تارماق شىركىتى (بۈگۈنكى ئامېرىكا ئېلېكتىرون كەسپىدىكى باشلامچى شىركەت) بىرلىشىپ بىر توپ گەپدان ئادۋوكاتلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم پاتېنتىنى تارتىۋالدى. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، تېسلا نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تېسلانىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولدى ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. 2005- يىلى، ئۇ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدىكى« ئەڭ ئۇلۇغ ئامېرىكىلىق» (ئامېرىكا لىنىيەسى ۋە ئىزدىنىش قانىلى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان) تەرىپىدىن ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ تىزىملىك ئاممىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن بارلىققا كەلدى.

ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ھەممىلا يەردە تېسلانىڭ مىراسلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن باشقا ، سۇيىقەست نەزەرىيەسى يازغۇچىسى Robert Lomas تېسلانىڭ ماشىنا ئادەم، باللىستىكا، ئۇچۇرشۇناسلىق، يادرو فىزىكىسى ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم تۆھپىسى بار، دەپ قارىغان. . Robert Lomas ئۇنى « 20-ئەسىرنى ياراتقان ئادەم» دەپ تەرىپلىگەن . خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىدىكى ماگنىت ئىندۇكسىيە كۈچىنىشى شۇنداقلا ماگنىت ئېقىمى زىچلىقى (Tdensity of B نىڭ بىرلىكى بولۇپ، تېسلانىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، بەلگىسى T) نى خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكى يىغىنى-1960 يىلى بېكىتكەن . سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا بىر خەلقئارا ئايرودۇرۇم (يەنى بېلگرادتىكى نىكولاتېسلا ئايرودۇرۇمى) ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. سېربىيە قەغەز پۇلىدا ھازىرغىچە ئۇنىڭ باش سۈرىتى بار.

1 2

ياش چاغلىرى

نىكولاي تېسلا سىمىليان (ئىنگلىزچە ئىسمى Smiljan، ھازىرقى كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوسپېچ شەھىرىگە تەۋە) دېگەن كەنتتە تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى سېربلار ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان جايى ئاۋسترىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، كروئېسىيە-سىلاۋونىيە پادىشاھلىقى لىكا رايونى گوسپېچ ئەتراپىدا ئىدى. ئۇنىڭ چوقۇندۇرۇش خاتىرىسى ئۇنىڭ 1856-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى (گرېگورى كالېندارى بويىچە 7-ئاينىڭ 10-كۈنى) تۇغۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. دادىسىنىڭ ئىسمى مىلۇتىن تېسلا (Rev. Milutin Tesla) سرېمىسكىي كارلوۋىچ رايونىدىكى سېربىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى چېركاۋىدىكى پوپ ئىدى . ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى جۇكا (juka) بولۇپ، سېربىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى پوپنىڭ قىزى ئىدى. ئۇ سېربىيىنىڭ نۇرغۇن تارىخىي داستانلىرىنى يادلىيالايدۇ، لېكىن ئەزەلدىن خەت تونۇشنى ئۆگىنىپ باقمىغان. ئۇنىڭ پوپ ئۇستازى Jovan Drenovac ھەربىي چېگرا رايوننى قوغدايدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى. تېسلا ئائىلىسىدىكى بەش بالىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر ئاكىسى دانې ( Dane، نىكولاي بەش ياش ۋاقتىدا ئات مىنىپ ئاتتىن يىقىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن) ۋە ئۈچ ھەمشىرىسى مارىكا ، ئانجىلىنا ۋە مىرىكا (Milka, Angelina ۋە Marica) بار. 1862-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى گوسپېچقا كۆچۈپ بارغان. تېسلا كىرودىيەنىڭ كارلوۋاتس دېگەن يېرىدە ئوقۇغان ھەمدە 1875-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ گراز پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكتىر ماشىنىلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۆگەنگەن. ئۇ يەردە، ئۇ ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆگىنىدۇ. ئاز دېگەندە ئىككى پارچە ماتېرىيال ئۇنىڭ گراز ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ مەكتىپى ئىلىگىرى ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا بىرىنچى مەۋسۇملۇقلا دەرس ئاڭلىغانلىقىنى ھەمدە شۇ مەزگىلدىن كېيىن دەرس ئاڭلا باقمىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى . يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى بىرىنچى مەۋسۇمدىكى ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالماي ئوقۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ، دەپ قارايدۇ . ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقدىشىنىڭ ئېيتىشىچە، تېسلا ئىزچىل كەشپىياتقا ماھىر بولۇپ، كەشپىياتقا زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي قالغىلى تاس قالغانلىقىنى ئېيىتقان . 1878-يىلى، ئۇ گرازدىن ئايرىلغان ھەمدە ئائىلىسى بىلەن بارلىق ئالاقىنى ئۈزگەن. ئۇ سىلوۋېنىيەنىڭ مارىبور شەھىرىگە باردى، ئۇ يەردە ئۇ تۇنجى قېتىم ياردەمچى ئىنژېنېرلىققا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ، مۇددىتى بىر يىل ئىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. دادىسى ئۇنى پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چارلىز فېردىناند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە مەكتىپىگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1880-يىلى ئۇ يەردە يازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىنى ئوقۇغان. لېكىن، ئۇنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ بىر مەۋسۇم ئوقۇپلا ئالىي مەكتەپتىن ئايرىلدى.

3 ئۆزگىرىشچان توك گېنېراتورى پىرىنسىپىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

تېسلا ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇشقا قىزىقىدۇ. ئۇ فوتو ئاپپاراتقا ئوخشاش، ئوقۇغان پۈتۈن كىتابنى مېڭىسىگە خاتىرىلىۋالغان . تېسلا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا باشتىن كەچۈرگەن ئىلھامىنىڭ ھەربىر تەپسىلاتىنى بايان قىلغان. دەسلەپكى يىللاردا، ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئاغرىق ئازابىنى باشتىن كەچۈردى. ئو بۇ خىل غەلىتە ئازابقا بەرداشلىق بېرىدۇ، كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇر دائىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ ھەمدە خىيالىي تۇيغۇغا ئەگىشىپ كېلىدۇ. كۆپىنچە چاغلاردا، بۇ خىيالىي تەسۋىردە بىر سۆز ياكى بىر كۆزنى چاقنىتىش توغرىسىدىكى ئوي-خىيال بولىدۇ؛ پەقەت بىر سۆزنى ئاڭلىسىلا، ئۇ شۇ جىسىمنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. تېسلا ئىلگىرى ئۇنىڭ مېڭىسىدە چاقناپ ئۆتكەن ئاشۇ خىيالىي تۇيغۇ ئىلھامىنى تەپسىلىي سىناق قىلغان ۋە ياساپ باققان . بۇ بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈش سېزىمى تەپەككۇرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرلۈك ماھارەت. تېسلامۇ دائىم ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا ياشىغان ئىشلىرىنى ئەسلەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە پەيدا بولغان.

4 تېسلانىڭ ئۆزگىرىشچان توك گېنېراتورى ، يىراق ئارىلىققا توك يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ

فرانسىيە ۋە ئامېرىكا

1882-يىلى ئۇ فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە بېرىپ، ئېدىسون قارمىقىدىكى شىركەتتە ئىنژېنېر بولۇپ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاشنى لايىھەلىگەن. شۇ يىلى تېسلا ئىندۇكسىيەلىك ماتورنى كەشىپ قىلغان ھەمدە ئايلانما ماگنىت مەيدانىغا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى كەشىپ قىلىشقا باشلىغان (1888-يىلى پاتېنتقا ئېرىشكەن).

1884-يىلى، تېسلا ئامېرىكا زېمىنىغا تۇنجى قېتىم قەدەم بېسىپ، نىيۇيوركقا كەلگەن. ئىلگىرىكى غوجايىن چارلىس باچېل يازغان تونۇشتۇرۇش خېتىدىن باشقا، ئۇنىڭ ھېچنېمىسى يوق ئىدى. بۇ خەت توماس ئېدىسونغا يېزىلغان بولۇپ، خەتتە : « مەن ئىككى ئۇلۇغ ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، سىز شۇلارنىڭ بىرى، يەنە بىرى مۇشۇ ياش يىگىت» دېيىلگەن. ئېدىسون تېسلانى ياللاپ، ئۇنى ئېدىسون ماشىنىسازلىق شىركىتىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. تېسلا ئېدىسون ئۈچۈن ئاددىي ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھىلەشكە باشلىدى، ئۇ ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا شىركەتنىڭ بەزى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. تېسلا ئېدىسون شىركىتىنىڭ تۇراقلىق توك ماشىنىسىنى قايتىدىن لايىھىلەشكە پۈتۈنلەي مەسئۇل بولدى.

1919-يىلى ئېدىسون مۇنداق : « ئەگەر ئۇ ماتور ۋە گېنېراتورنىڭ ياخشىلاش خىزمىتىنى تاماملىسا، ئېدىسون ئۇنىڭغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ( پۇل پاخاللىقىنى ھېسابقا ئالغاندا ، بۇ بۈگۈن (2006) دىكى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) » ئېيىتقان . تېسلا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، پۈتۈن گېنېراتورنى قايتىدىن لايىھىيلەپ چىققان ، ئېدىسون شىركىتى بۇنىڭدىن غايەت زور پايدا ۋە يېڭى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. تېسلا ئېدىسوندىن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تەلەپ قىلغاندا، ئېدىسون ئۇنىڭغا: « تېسلا، سىز بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۇمۇرلىرىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز » دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان. بۇ مۇكاپات سوممىسى شىركەتنىڭ قۇرغۇچى كاپىتالىغا باراۋەر بولۇپ، تېسلانىڭ ئەينى چاغدا ھەپتىلىك مائاشى 18 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، ئۇ 53 يىل خىزمەت قىلسا ئاندىن مۇشۇنچىلىك پۇل تاپالايتتى. تېسلا ھەر ھەپتىدە 25 ئامېرىكا دوللىرى مائاش قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئىستېپا بەردى.

تېسلا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئېدىسوننىڭ شىركىتىدە پەقەت جىسمانىي كۈچىنى ساتىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزگىرىشچان توك سىستېمىسىنىڭ لايىھەسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

ئوتتۇرا ياش مەزگىلى

تېسلا 1886-يىلى ئۆزىنىڭ تېسلا ئېلېكتىر لامپىسى ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرى ياساش شىركىتى (Tesla Electric Light& Manufactuuring) شىركىتىنى قۇردى . مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر تېسلانىڭ ئۆزگىرىشچان توك گېنېراتورى توغرىسىدىكى پىلانىغا قوشۇلمىغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان. 1886-يىلىدىن 1887-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تېسلا نيۇيوركتا بىر ئادەتتىكى ئەمگەكچى بولۇپ، ھەم جان بېقىش ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇش تەتقىقات پىلانى ئۈچۈن مەبلەغ توپلىدى. 1887-يىلى، ئۇ ئەڭ دەسلەپكى ئېلېكتىر چوتكىسى بولمىغان ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىر ئىندۇكسىيەلىك ماتور (brushlesss alternat current inductioon motor) نى قۇراشتۇرغان ھەمدە 1888-يىلى ئامېرىكا ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتكەن. شۇ يىلى (1888-يىلى) ئۇ تېسلا كاتۇشكىسىنىڭ پىرىنسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە سېۋو ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ياساش شىركىتىنىڭ پىتسبۇرگدىكى تەجرىبىخانىسىدا گېئورگې ۋېستىنخوۋس بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. ۋىستىڭخوۋس ئۇنىڭ كۆپ فازىلىق سىستېمىدىن پايدىلىنىپ يىراق مۇساپىلىق توك يوللاش توغرىسىدىكى ئويىنى ئاڭلىدى.

دەسلەپكى تەتقىقاتلاردا تېسلا نۇرغۇن تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ X نۇرى ھاسىل قىلغان. تېسلانىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ توك يولىدا ھاسىل بولىدىغان رېنتىگېن نۇرى (X نۇرى) نىڭ ئېنېرگىيەسى ئادەتتىكى ئۈسكۈنىلەردە ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدىن كۆپ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ توك يولى ۋە يەككە تۈگۈنلۈك X نۇرى ھاسىل قىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىكى زىيىنى ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھادىسىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە، ئۇ تېرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەرگە يىغىنچاقلانغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى تېرە زەخىملىنىشنى X نۇرى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، بەلكى ئوزوننىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تېرىنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە بەزى نىترىت كىسلاتالىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېلىپ چىققان. تېسلا خاتا ھالدا X نۇرنى تىك دولقۇن دەپ قارايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئويلىمىغان يەردىن ھازىرقى رېنتىگىن نۇرى بايقالغان . تېسلا بىر قىسىم تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، X نۇرىنى ئۆزىنىڭ رېنتىگېندىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بايقىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان (ئۇنىڭ قولىنىڭ X نۇرىدا تارتىلغان سۈرىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىن ئۇ رەسىمنى رېنتىگېنغا ئەۋەتكەن ، دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىۋاتقان رېنتىگىن نۇرىنى ئەمەلىيەتتە تېسلا بايقىغان ) ، ئەمما ئۇنىڭ بايقىشى ھەممىگە مەلۇم بولمىغان، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم تەتقىقات ماتېرىياللىرى 1895-يىلى 3-ئايدىكى بەشىنچى چوڭ يولدىكى تەجرىبىخانىدىكى بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن.

ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش

1891-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 35 ياشلىق تېسلا ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتتى. شۇ يىلى نيۇ يوركنىڭ بەشىنچى چوڭ كوچىسىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىنى قۇرغان. (شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ نيۇيوركتىكى خيۇستون كوچىسىدا تەجرىبىخانا قۇردى، ئۇ يەردە ئۇ ئېلېكترو مېخانىكىلىق تەۋرەنگۈچ ئارقىلىق مېخانىكىلىق رېزونانس تەجرىبىسى ئىشلىگەن، ئۇ ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئىمارەتلەردە رېزونانس پەيدا قىلىپ، ساقچىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان. سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئەسۋاب بىلەن ئۆينىڭ رېزونانس چاستوتىسىنى ئۆلچەپ چىققان، كېيىن ئۇ بۇ تەجرىبىنىڭ خەتىرىنى بايقاپ، ئۆيىنى مەجبۇرىي چېقىپ تەجرىبىنى ئاخىرلاشتۇرغان، بۇ چاغدا ساقچىلارمۇ ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن. ئۇ نيۇيوركنىڭ بەزى جايلىرىدا سىمسىز تېلېگراف ئارقىلىق ئۇ يەردىكى لامپۇچكىنى يورۇتۇپ، سىمسىز يوللاش مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

1892-يىلىدىن كېيىن، تېسلا لوندون، پارىژ قاتارلىق جايلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئومۇملاشتۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، تېسلا ئاپىسىنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالدىراپ-تېنەپ پارىژدىن ئايرىلغان،تېسلا ئەمدىلا يېتىپ كېلىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئەينى چاغدا 1892-يىلى 4-ئاي ئىدى. ئۇنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى: « سەن ئاخىرى كەلدىڭ ، نىكولاي، مېنىڭ پەخرىم» . ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تېسلا ئاغرىپ قالىدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان جايى چاتىس گوسپېچتا ئىككى-ئۈچ ھەپتە دەم ئالدى.

تېسلانىڭ يېقىن دوستلىرى ئىچىدىمۇ بىر قىسىم سەنئەتكارلار بار ئىدى . تېسلا ئامېرىكا ئەسىر ژۇرنىلى (TCentury Magazine) نىڭ مۇھەررىرى روبېرت ئاندېۋۇد جونسون بىلەن تونۇشقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ۋېدا پەلسەپەسى ( يەنى ھىندى پەلسەپەسى ) دىكى پەيلاسوپلارنىڭ خۇشاللىق پەرقلەندۈرۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىن ئۇ ھىندى دىنىنىڭ ۋېدا ئىدىيەسى بىلەن ئۇچراشقان، شۇنىڭ بىلەن تېسلا سانسكرىت تىلىدا ئۆزىنىڭ ماددا ۋە ئېنېرگىيە توغرىسىدىكى ئاساسىي چۈشەنچىسىگە نام قويۇشقا باشلىغان.

تېسلا 36 ياشقا كىرگەندە، تۇنجى قېتىم كۆپ تۈرلۈك توك مەنبەسى سىستېمىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئايلانما ماگنىت مەيدانىنىڭ قانۇنىنى داۋاملىق تەتقىق قىلغان . 1892-يىلىدىن 1894-يىلىغىچە، تېسلا ئامېرىكا ئېلېكتر ئىنژېنېرلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ھەمدە ئامېرىكا رادىئو ئىنژېنېرلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ، يەنى كېيىنكى ئېلېكتر ئېلېكترون ئىنژېنېرلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان. 1893-يىلىدىن 1895-يىلىغىچە، ئۇ يۇقىرى چاستوتىلىق ئۆزگىرىشچان توكنى تەتقىق قىلغان. ئۇ كونۇس شەكىللىك تېسلا كاتۇشكىسىدىن مىليون ۋولتلىق ئۆزگىرىشچان توك ياساپ، ئۆتكۈزگۈچتىكى« يىغىش ئېففېكتى» نى تەتقىق قىلىپ، توك يولىنى لايىھەلەپ، سىمسىز گاز زەرەت قويۇپ بېرىش چىرىغىنى كەشىپ قىلدى ھەمدە سىمسىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارقىتىپ، تۇنجى سىمسىز رادىيو تارقىتىش ئاپپاراتىنى ياساپ چىقتى. تېسلا 1893-يىلى مىسسۇرى شتاتىتىنىڭ سان لۇئىس دېگەن يېرىدە سىمسىز تېلېگراف ئالاقىسى توغرىسىدا ئۈلگە كۆرسەتتى. ئۇ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى فرانكلىن تەتقىقات ئورنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئويىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى :

نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ماشىنىسى كائىناتتىكى ھەرقانداق بىر نۇقتىدىن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ ماشىنىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ!

1893-يىلىدىكى دۇنياۋى كۆرگەزمە (چىكاگو كولومبو خاتىرە كۆرگەزمىسى) دە، بۇ دۇنياۋى خاراكتېرلىك كۆرگەزمە تۇنجى قېتىم ئېلېكتىرونلۇق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئۈچۈن كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان. تېسلا بىلەن گېئورگى ۋىستىنگخوۋس تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھالدا ئۆزگىرىشچان توك ئارقىلىق پۈتۈن كۆرگەزمىنى يورۇتتى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئۆزگىرىشچان توكنى تونۇشتۇردى. كۆرگەزمىدە، تېسلا ئۆزىنىڭ فلۇئورېسسېنسىيىلىك چىرىغى ۋە تاق تۈگۈنلۈك لامپۇچكىسىنى كۆرگەزمە قىلدى. بىر ئېكسكۇرسىيەچى مۇنداق بايان قىلدى:

تېسلا مىستىن ياسالغان بىر تۇخۇم (كولومبو تۇخۇمى دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىسىدە تۇرغۇزۇپ، بۇ ئارقىلىق بىماس قەدەملىك ئېلېكتىر موتورى ۋە ئايلانما ماگنىت مەيدانىنىڭ پىرىنسىپىنى شەرھلىدى .

توماس ئېدىسون

5

19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئېدىسون تۇراقلىق توك بىلەن توك تەقسىملەشنى ئومۇملاشتۇرغان، ئەمما تېسلا بىلەن ۋىستىنخوۋس ئومۇملاشتۇرغان ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان، شۇڭا تېسلا بىلەن ئېدىسون رىقابەتچى بولۇپ قالغان. ئېدىسون غەلبە قازىنىش ئۈچۈن ھەر قايسى سورۇنلاردا ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۆزگىرىشچان توكنى كەمسىتىپ، ئۇنىڭ خەتىرىنى تەرغىپ قىلغان. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئېدىسون باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۈچۈك، ئاسلان سېتىۋالغان ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆزگىرىشچان توك بېرىپ ئۆلتۈرگەن ، يەنە تېخى بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى پىلنى ئۆلتۈرۈپ قويغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئېدىسوننىڭ تۈرتكىسى بىلەن، تۇنجى توكلۇق ئورۇندۇقتا جازا ئىجرا قىلىنىپ ئۆلگەن جىنايەتچىنى ئۆزگىرىشچان توك بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ ئارقىلىق پەقەت ئاۋامنى ئۆزىنىڭ تۇراقلىق توكىنى تېسلانىڭ ئۆزگىرىشچان توكىغا ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك، دېگەن قاراشقا كەلتۈرمەكچى بولغان . تېسلا بىماس قەدەملىك ئېلېكتىر موتورىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن، ئۆزگىرىشچان توكنىڭ يىراق ئارىلىقتىن يۇقىرى بېسىملىق يەتكۈزۈلۈش ئارتۇقچىلىقىمۇ نامايان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماشىنىنىڭ ئۆزگىرىشچان توك ئىشلىتىشكە بولماسلىق مەسىلىسىمۇ ھەل بولىدۇ. « ئېلېكتىر ئېقىمى ئۇرۇشى» سەۋەبىدىن تېسلا بىلەن ۋىستىنگخوۋس ۋەيران بولاي دەپ قالغان، شۇڭا 1897-يىلى، تېسلا ئۆزىنىڭ پاتېنت ئىشلىتىش ھەققى بىلەن ۋىستىڭخوۋس كىرىزىسىنى پەسەيتكەن. شۇ يىلى تېسلا زەررىچە رادىياتسىيەسىنى تەتقىق قىلىپ، ئالەم نۇرىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىسىنى تۇرغۇزغان.

6

تېسلا 41 ياشقا كىرگەندە، تۇنجى رادىيو پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلغان (ئامېرىكا پاتېنتى 645576). بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە رادىئو ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان پاراخوتنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان تورپېدا دېگەندەك نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ، دەپ قارىدى. تېسلا ئۆزىنىڭ« يىراقتىن كونترول قىلىش مېخانىكىسى سەنئىتى» (Art of Teleautommatics) نى قۇرغانلىقىنى، بىر خىل ماشىنا ئادەم ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل يىراقتىن كونترول قىلىش تېخنىكىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. 1898-يىلى، ئۇ مادىسون مەيدانى گۈللۈكىدىكى بىر قېتىملىق ئېلېكتر ئىلمى كۆرگەزمىسىدە جامائەتچىلىككە رادىئو ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان كېمىلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تېسلانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پاراخوت « يىراق مۇساپىلىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش» ناملىق ، ئامېرىكا پاتېنت نومۇرى: US 613809 ئىكەن. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن ئىلگىرى سىمسىز تېلېگرافنى يىراقتىن كونترول قىلىش يېڭى شەيئى ئىدى. تېسلا بېنزىن موتور (ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل) غا بېرىلگەن« ئېلېكتىر ئوت تۇتاشتۇرغۇچ» يەنى مارس پۇرۇپكىسىنى كەشىپ قىلىپ، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى (ئامېرىكا پاتېنتى 609250).

7

كولورادو سپرىنگس شەھىرى

1889-يىلى تېسلا يۇقىرى چاستوتىلىق يۇقىرى بېسىم تەجرىبىسى ئىشلەيدىغان جايغا كۆچۈپ بېرىشنى قارار قىلغان، كولورادو ئىشتاتىدىكى سىپرىنگېستا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇ يېتىپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مۇخبىرغا خەۋەر سىگنالىنى پەيكېس چوققىسى (يېقىن ئەتراپتىكى بىر تاغ) دىن پارىژغا سىمسىز يەتكۈزۈش تەجرىبىسى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تېسلانىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە ئۇنىڭ ئىيونوسفېرا قەۋىتى ۋە يەر ئاستىدىكى تىك دولقۇن ۋە توغرا دولقۇن توغرىسىدىكى تەجرىبىسى بايان قىلىنغان.

تېسلا تەجرىبىخانىدا لاينىڭ توك ئۆتكۈزگۈچى جىسىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەم سۈنئىي چاقماق ياساپ چىققان.

تېسلا ئۆزىنىڭ قوبۇللىغۇچ ئارقىلىق چاقماقنى كۆزەتتى ۋە ئاتموسفېرا توكىنى تەتقىق قىلدى. تېسلانىڭ قوبۇللىغۇچ ۋە دولقۇن تاسقىغۇچنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ دەرىجىگە يەتكەن (مەسىلەن، تەقسىملەنمە ئېلېمېنت مودېلى، Q فاكتور، كاۋاك رېزوناتور، سىمسىز چاستوتىلىق قايتما ئىنكاس ۋە قايتا ھاسىل قىلىش توك يولى).

تېسلا ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتر كۈچىنى سىمسىز يوللاشنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە بايقىشى ئاساسىدا ھېسابلاش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ رېزونانس چاستوتىسىنىڭ 8 گېرتىسقا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، تەتقىقاتچىلار ئىيونوسفېرانىڭ بوشلۇق رېزونانىس چاستوتىسىنىڭ مۇشۇ دائىرە ئىچىدە (كېيىن شۇمان رېزونانسى دەپ ئاتالغان) ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

تېسلا 1900-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كولورادو سپرىنگس شەھىرىدىن ئايرىلدى. تەجرىبىخانا چېقىۋېتىلدى، ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ قەرزگە تۇتۇپ قىلىندى. كولورادودىكى تەجرىبىسى تېسلانىڭ كېيىنكى پىلانى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ ، بىر سىمسىز ئېنېرگىيە تارقىتىش ئۈسكۈنىسى، يەنى كېيىنكى ۋودۇنك رىۋېر مۇنارىنى قۇرۇپ چىقتى. تېسلا ئېلېكترونلۇق تەۋرىنىش كۈچىنىشىنى ئاشۇرىدىغان ئەسۋاب (دولقۇن تۇرۇبىسى) نى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى

8 مارك تۋېن تېسلانىڭ تەجرىبىخانىسىدا 1894-يىلى

9 1931-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى دەۋر ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى

10 بېل گلاددىكى نىكولاي تېسلا مۇزېيى

1900- يىلى تېسلا 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (% 51 ى جون پېربون مورگاندىن كەلگەن) نى ئېلىپ، ۋودېنىك رىۋېر مۇنارىنى ياساشنى پىلانلىدى. 1902-يىلى ئىيۇلدا تېسلانىڭ تەتقىقاتى خىيوستون كوچىسىدىن ۋودېنك رىۋېر مۇنارىغا يۆتكەلدى، بۇ مۇنار يەر شارى ئېلېكتر كۈچىنىڭ سىمسىز يەتكۈزۈلۈشىگە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۇ مۇنار ئەڭ ئاخىرىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چېقىۋېتىلىپ كېرەكتىن چىققان. ئەينى چاغدىكى گېزىتلەردە ۋودېنك رىۋېر مۇنارىنى « تېسلانىڭ مىليونلۇق چوڭ قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىغان.

1904-يىلى ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقى ۋە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، گۇلېرمو ماركونىغا سىمسىز رادىيو پاتېنت ھوقۇقى بەردى، كېيىن تېسلا ئۆزىنىڭ سىمسىز رادىيو پاتېنت ھوقۇقى جېڭىنى باشلىدى. 1906-يىلى، ئۇنىڭ 50 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، تېسلا ئۆزىنىڭ 200 ئات كۈچى (150 كىلوۋات) ، مىنۇتىغا 1500 قېتىم ئايلىنىدىغان ياپراقسىز تۇربىنىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى. 1900-يىلىدىن 1911-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، نيۇيوركتىكى« سۇ كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى» (Waterside Power Station) دا، ئۇنىڭ بىر قىسىم ياپراقسىز تۇربىنا موتورلىرىغا 100-5000 ئات كۈچىگە قارىتا سىناق ئېلىپ بارغان.

مەيدان نەزەرىيەسى

81 ياشلىق تېسلانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ« تارتىش كۈچىنىڭ ھەرىكەت ھالىتى نەزەرىيەسى» نى تاماملاپ بولغان ھەمدە بۇ نەزەرىيەنىڭ « ھەرقانداق ئىنچىكە ھالقىلاردا ئىشلەيدىغان، مۇكەممەل ، نۇقسانسىز» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە تېزدىن پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىشنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن بۇ نەزەرىيە رەسمىي نەشر قىلىنىپ باقمىغان.

بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيەسى تا ھازىرغىچە نەزەرىيە فىزىكىسى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقارغان قىيىن مەسىلە، ئېينىشتېيىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىملاردىن بىرەرسىمۇ بۇ نىشانغا يېقىنلىشالمىدى.

ۋاپات بولۇش ۋە مىراس

نىكولاي تېسلا 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى نيۇيوركلىقلار مېھمانخانىسىنىڭ 3327-ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋودۇنك رىۋېر مۇنارىغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرىۋېلىشقا ئامال يوق ئىدى، تېسلا ئىنتايىن نامرات بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قايتۇرالمىغان بىر مۇنچە قەرزى بار ئىدى . تېسلا ۋاپات بولغان شۇ يىلى، ئامېرىكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تېسلانىڭ پاتېنت نومۇرىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى.

گەرچە ئامېرىكىلىق بولسىمۇ، تېسلانىڭ ئۆلۈمى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ساقلاش ئىدارىسى يەنىلا ئۇنىڭ تەتقىقات ماتېرىيالى ۋە پاتېنتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى تېسلا يەنىلا ئۆزىنىڭ Teleforce قورالى ۋە ئۆلۈم نۇرى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. گەرچە ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئامېرىكا ئۇرۇش بۆلۈمىگە بۇ قوراللارنى سېتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلۈم نۇرى يەنە زەررىچە قورالى دەپ قارىلىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېيىن بىخەتەر بولغان ئەسلى قۇرۇلما تاپالمىدى. ئۇرۇش بۆلۈمى FBI بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىك دەپ ئېلان قىلىندى. زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ بارلىق شەخسىي بۇيۇملىرى پېچەتلەندى، جون ئېدگار خوۋېر تېسلانىڭ كەشپىياتى ۋە پاتېنتنىڭ خاراكتېرى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ بارلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ مۇتلەق مەخپىي ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ يوشۇرۇن ، مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن، تېسلانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشكە تىرىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ جىيەنى ساۋا كوسانوۋىچ (Sava Kosanovi) تېسلانىڭ بەزى شەخسىي بۇيۇملىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ بۇيۇملار ھازىر نىكولاي تېسلا مۇزېيىغا قويۇلغان.

تېسلانىڭ دەپنە مۇراسىمى 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى نيۇيوركنىڭ مانخاتتوندىكى ساينت جون سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭ جەسەت كۈلى 1957-يىلى سېرۋىيەنىڭ بېلگرادتىكى نىكو لاتېسلا مۇزېيىغا دەپنە قىلىنغان.

ئاممىۋى مەدەنىيەتتىكى نىكولاي تېسلا

11 تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىلى ،2020 يېڭى نۇسخىسى 630 كىلومىتىردىن ئارتۇق يۈرەلەيدۇ ، باھاسى 300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا

نىكولاي تېسلا نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان ئاممىۋى مەدەنىيەتتە پەيدا بولغان، مەسىلەن، كىتاب، كىنو، رادىيو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، تىياتىرخانا ئويۇنى، ھەجۋىي رەسىم ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىقلار.ئېلون ماسىك ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى توكلۇق ئاپتوموبىلىغا تېسلا دەپ نام بەرگەن . كىشىلەرنىڭ ئۇنى بىر ئۆمۈر چۈشىنىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، بۇ ئۇنى كومېدىيەلىك رومانغا ماس كېلىدىغان تىراگېدىيەلىك ھەم مول ئىلھاملىق رولغا ئىگە قىلغان. تېسلا ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك فانتازىيەلىك ھېكايىلەرگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. نىكولاي تېسلا كەشىپ قىلغان تېخنىكىنىڭ تەسىرى نۇرغۇن فانتازىيەلىك رومانلارنىڭ باش تېمىسى.

ئويۇن

ئويۇن « قىزىل تىرىۋوگا » دا ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان « تېسلا كاتۇشكىسى» بار.

ئويۇن« قاتىل دوگماتىزم 2» دىكى« ھەقىقىي ئەھۋال» دا كۆرسىتىلىشىچە، تېسلا ئىنسانىيەتكە ئىلغار پەن-تېخنىكا ئېلىپ كېلەلەيدىغان 4-نومۇرلۇق ئالتۇن ئالمىغا ئىگە بولغان ھەمدە دۇنيادا پۈتمەس-تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىشنى پىلانلىغان، شۇنىڭ بىلەن تېسلا مۇقەددەس ساراي چەۋەندازلىرى (ئېدىسون قاتارلىقلار) نىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

توردىكى ئويۇن « شاھنىڭ شەمشىرى» نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىدا« خائوس مۇنارى» نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان غەلىتە مەخلۇق « تېسلا كاتۇشكىسى» بار بولۇپ، ئويۇندا كۈچلۈك توك سوقۇش ئارقىلىق ئوينىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئويۇن « Kingdom Rush» دا، پەتەك ئىنژېنېر ياسىغان توك سوققۇزۇش ئارقىلىق دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلغان مۇنارغا تېسلا( TESLA X104) دەپ نام بېرىلگەن .

ئويۇن « Mouse Hunt» دا، چەكلىك ساندىكى چاشقان تۇتۇش تۇزىقى« Chesla Revenge» دەپ ئاتالغان. Chesla مەنىسى Cheese (پىشلاق) بىلەن Tesla (تېسلا) نى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۈچلۈك توك كۈچى بىلەن چاشقانغا ھۇجۇم قىلدۇ.

ئويۇن« ھالاكەت قورغىنى 2» نىڭ بىر نەچچە ھەجۋىي رەسىملىرىدە تېسلانىڭ 1850-يىللاردىكى كۆك گۇرۇپپا ئىنژېنېرى ئىكەنلىكى ھەمدە بىر خالتا لايىھە ئارقىلىق قوشۇمچە ئىمارەت ياسايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يانفون ئويۇنى« قەبىلىلەر توقۇنۇشى» دا، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مۇداپىيە ئۈسكۈنىسى« تېسلا ئېلېكتىر ماگنىت مۇنارى» بار.

ئويۇن« 1886: TOrder» دا باش رول ئالغان كوللېكتىپنىڭ ھەر خىل قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. Heroes Flick يانفون ئويۇنى 1« باتۇرلارنىڭ تەشتەكتە ئۆستۈرۈلۈشى» دە، ئۇنىڭ بىلەن مورگاننىڭ ھېكايىسى ئاساس قىلىنغان رول-پەن تەتقىقات ئوغلى دا شىنا بار.

يان تېلېفون ئويۇنى « Fate/Grand Order» دا، « Archer» نىڭ ۋەزىپە باسقۇچى ئارقىلىق مەيدانغا چىقىدۇ، EX گۆھىرى « ئىنسانلار ئەپسانىلىرىدىكى چاقماق چۈشۈش» غا ئىگە.

ئويۇن « كۈرەش ئىستىھكامىغا ئالاھىدە ھۇجۇم قىلىش» تا، ئورانگۇتان ئالىمى « Winston» ئىشلەتكەن قورال-ياراق، ئېلېكتىر ماتۇر مىلتىقىغا « تېسلا ئېلېكتىر ماگنىت توپى» دەپ نام بېرىلگەن. ئويۇن « robocrafft» دە مېخانىك ئادەمنىڭ جابدۇقلىرىنى تاللاش تۈرىدىن « تېسلاۋ» بار.

ئويۇن « They are billionss» دىكى سىمسىز توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە « تېستا» .

يان تېلېفون ئويۇنى ‹ ‹ چۈش دۇنياسى › › نىڭ ئىچىدىكى بىر يېتەكچى.

يانفون ئويۇنى« نەرسە ياساش قائىدىسى» دىكى باش رول ئالغۇچىسىنىڭ كېچە بىلەن شىمالنىڭ ئالدىنقى توشۇغۇچىسى ئېدىسون، كېيىن تېسلا بولغان.

يانفون ئويۇنى « 3rd نىڭ بۇزۇلۇشى» نىڭ ئىچىدىكى بىر خىل مۇقەددەس ئىز.

ئويۇن« قانغا بويالغان قاتىل 2» دا، ئۇنىڭ تارماق لىنىيە ھېكايىسى بار،1898-يىلى، تېسلا يىراقتىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان پاراخوت مودېلىنىڭ رادىيو دولقۇنى ئارقىلىق پىرقىرىغۇچ ۋە چىراغ نۇرلىرىنى مەشغۇلات قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان، ئەينى چاغدا پاراخوت مودېلىغا كۆپ دانە چوڭ نومۇرلۇق باتارېيە ھەمدە رادىيو سىگنالىنى كونترول قىلغۇچ يىراقتىن كونترول قىلىش (ياكى يىراق ئۇچنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش) ئىدىيەسى ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ قوللىنىلماقتا.

كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى

2006-يىلى ئىشلەنگەن « ئەجەللىك سېھىرگەرلىك» فىلىمىدە تېسلا تىلغا ئېلىنغان، فىلىمدە ئۇ كەشىپ قىلغان چوڭايتىپ تارقاتقۇچ ھەر خىل جىسىملارنى كۆپ قېتىم نۇسخىلىيالايدۇ (ھاياتلىق تەنچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

2008-يىلى ئىشلەنگەن « K20: غەلىتە ئادەمنىڭ 20 يۈز كۆرۈنۈشى» دېگەن كىنودا تېسلانىڭ « تېسلا قۇرۇلمىسى» ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. بۇ قۇرۇلما ئېلېكتىر سايمانلىرىنى توك سىمىدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، مەسىلەن، نەچچە مېتىر يىراقلىقتا تېسلا قۇرۇلمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە، ئۈستەل چىرىغىغا قويۇلمىغان بىر دانە ئۈستەل چىرىغىنى يورۇتقىلى بولىدۇ.

2008-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى « غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ پاناھلىنىش ئورنى» دا، ئۇ قانداشلىققا ئىگە تالانتلىق ئالىم دەپ تەسۋىرلىنىپ، يىراق قەدىمكى زاماندىكى قانداشلىقنىڭ قېنىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغانلىقتىن ئويغىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى قانداشلىققا ئايلانغان.

2015-يىللىق كىنو« ئەتىكى دۇنيا» تېسلا بىلەن ئېدىسون، ئېيففېل ۋە ۋېرنانى ئەتىكى دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قارىغان.

2019-يىللىق كىنو« ئېلېكتىر ئېقىمى ئۇرۇشى» دا تېسلا بىلەن ئېدىسوننىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ توك تەمىنلەش سودىگىرى دېگەن نامنى قولغا كەلتۈرۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سودا رىقابىتى تەسۋىرلەنگەن.

2020-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى « سىرلىق دوكتور» نىڭ 12-بۆلۈم 4-قىسمى « نىكولاي تېسلانىڭ ئالاقزادە كېچىسى» دا تېسلا تاسادىپىي بىر تاشقى پىلانېتالىق خاتىرىلەش ئەسۋابىنى بايقىغان ھەم ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرغان، ئۇچۇرنى يەنە بىر تاشقى پىلانېتا ئىرقى قولغا چۈشۈرگەن، كېيىنكىسىنىڭ ئايال پادىشاھى يەر شارى ھاياتلىقىنىڭ بىخەتەرلىكى بەدىلىگە تېسلانى ئۆزىنىڭ بۇزۇلغان ئالەم كېمىسىنى رېمونت قىلىشقا قىستىغان.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.